ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

غەرىپ دۆلەتلىرى نېمە ئۈچۈن سۈرىيىگە قۇرال كۈچى ئىشلىتىشتىن ئېھتىيات قىلىدۇ؟!

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2011-07-13 11:20:50 جەمئى 5844 قېتىم ئوقۇلغان.

غەرىپ دۆلەتلىرى نېمە ئۈچۈن سۈرىيىگە قۇرال كۈچى ئىشلىتىشتىن ئېھتىيات قىلىدۇ؟!

غەرىپ دۆلەتلىرى نېمە ئۈچۈن سۈرىيىگە قۇرال كۈچى ئىشلىتىشتىن ئېھتىيات قىلىدۇ؟!

  ئامېرىكا ۋە فىرانسىيىنىڭ  سۈرىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى سۈرىيىدىكى ئۆكتىچىلەر بىلەن ئۇچىرىشىپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى. بۇنىڭ بىلەن غەزەپلەنگەن سۈرىيە خەلقى  فىرانسىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ سۈرىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ تاشقى ئىشلار كىرزىسى تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى.

          يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بويان سۈرىيە ۋەزىيىتى يەنىلا جىددي بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا چوڭ كۆلەملىك كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى بولدى. 7-ئىيۇل ئامېرىكىنىڭ سۈرىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى روبىرىت  سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ رۇخسىتىسىز خاما شەھىرىگە بېرىپ، ئۆكتىچىلەر بىلەن كۆرۈشكەن ۋە خاما شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىنى زىيارەت قىلىپ، يارلانغان ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەردىن ھال سورىغان. فىرانسىيىنىڭ سۈرىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەيلىك. شىۋالىمۇ بىرلىكتە زىيارەت قىلغان.

         فىرانسىيە ۋە ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى دۆلەت ئەلچىلىرىنىڭ بۇ قىلمىشى سۈرىيە ھۆكۈمىتىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. سۈرىيە بۇ ئىككى دۆلەت ئەلچىسىنىڭ قىلمىشىنى «بۇزغۇنچىلارغا يان باسقانلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك» دەپ ئەيىپلىدى ۋە بۇ ۋەقەنىڭ سۈرىيە ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرىۋىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

        يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بويان سۈرىيە خەلقى فىرانسىيە ۋە ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق سۈرىيە ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ،  فىرانسىيە ۋە ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئەلچىلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆكتىچىلەر بىلەن ئالاقىلاشقانلىقىغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشتى.  شۇ يەر ۋاقتى 11-ئىيۇل  سۈرىيە خەلقى فىرانسىيە ۋە ئامېرىكا ئەلچىخانىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۈچ نەپەر فىرانسىيىلىكنى يارلاندۇردى.  يەنە باشقا خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى نامايىشچىلارغا  ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتقان. فىرانسىيە ئەلچىخانىسى بولسا ئوق چىقىرىپ نامايىشچىلارنى تارقاقلاشتۇرغان.

        ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىگە قارىتا ئامېرىكا ۋە فىرانسىيە ئىككى دۆلەت ئايرىم-ئايرىم ئىنكاس بىلدۈردى. 11-ئىيۇل ئامېرىكا سۈرىيەنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتنىڭ تاشقى ئىشلار بىخەتەرلىكىنى قوغداشتەك خەلقئارالىق ۋەزىپىنى ئورۇندىيالمىغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارىمۇ شۇ كۈنى سۈرىيە زۇڭتۇڭى باشىر. ئاسادنى ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقوقىنى يوقاتتى، دېدى. ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ مەقسىدى سۈرىيىدە دىمكۇراتىك ئۆزگىرىشنى بارلىققا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.

         فىرانسىيە تەرەپ 12-ئىيۇل  ئۆزلىرىنىڭ باشقا ياۋرۇپا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر خەۋىپسىزلىك كېڭىشىگە سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل  قىلىش ھەققىدە  تەكلىپ لايھىسى سۇنغانلىقىنى جاكارلىدى.  فىرانسىيە زۇڭلىسى «سۈرىيىدىكى زۇڭتۇڭ باشىرنى قوللىغۇچىلارنىڭ فىرانسىينىڭ سۈرىيىدىكى ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش قىلمىشىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ» دېدى.

         ھىلارىنىڭ زۇڭتۇڭ باشىرنى قانۇنىي ھوقوقىنى يوقاتتى، دىيىشى سۈرىيە تەرەپنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى. سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى 12-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى:« ھىلارىنىڭ بۇ سۆزى ئامېرىكىنىڭ سۈرىيىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلىشىش قىلمىشىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارلىدى».

تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ۋە فىرانسىيە قاتارلىق غەرىپ دۆلەتلىرىنىڭ سۈرىيىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ئۇلارنىڭ لىۋىيىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىگە قارىغاندا بىر قەدەر سەۋرچان ئىكەن. گەرچە ھىلارى  باشىرنى قانۇنلۇق ھوقوقىنى يوقاتتى دىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ باشىرنىڭ تەخىتتىن سۈشۈشى كېرەكلىكىنى ئېنىق بىلدۈرمىگەن.

         مۇتەخەسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە،  ئامېرىكا قاتارلىق غەرىپ دۆلەتلىرىنىڭ سۈرىيىگە قارىتا سەۋىرچان بولىشىنىڭ سەۋەبى ئۇلار 3-ئۇرۇش مەيدانىغا كىرىپ قالغانلىقى ۋە ئەڭ مۇھىم بولشىنى باشىر تەخىتتىن چۈشسە  ئىسلام سىياسى ھوقوق سەھنىسىدە بۆلۈنۈش بولۇشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. ئەگەر مۇشۇنداق بولسا ئامېرىكىغا زور قالايمىقانچىلىق ئېلىپ كېلىدىكەن. ئەڭ مۇھىم بولغىنى سۈرىيە ئىسرائىلىيە گە قوشنا بولۇپ، سۈرىيە ۋەزىيىتى ئوتتۇرا شەرىقتىكى ئاساسلىق چوڭ زىددىيەت ئىكەن. سۈرىيىدە توقۇنۇش ياكى سىياسى ئۆزگىرىش يۈز بەرسە، بۇ بىۋاستە ئىسرائىلىيىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ھەمدە تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئوتتۇرا شەرىقنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. بۇ مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ  ھەم ئۆزلىرىنىڭ يېڭى ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئامېرىكا سۈرىيىگە  قۇرال كۈچى ئىشلىتىشتىن ئېھتىيات قىلىدىكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ