ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

غەرب ئەللىرى جەنۋە يىغىنىدا خىتايدىن قانداق سۇئاللارنى سورىدى؟

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-11-07 12:58:32 جەمئى 2168 قېتىم ئوقۇلغان.

غەرب ئەللىرى جەنۋە يىغىنىدا خىتايدىن قانداق سۇئاللارنى سورىدى؟

غەرب ئەللىرى جەنۋە يىغىنىدا خىتايدىن قانداق سۇئاللارنى سورىدى؟
6- نويابىر گېرمانىيە ئاۋازى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، 5 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلدىغان كىشىلىك ھوقۇق مۇھاكىمە يىغىندا غەرب ئەللىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە بىر قاتار سۇئاللارنى سورىغان.
بۇ قېتىم خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، خوڭكوڭ قاتارلىق رايونلاردا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسى باستۇرۇش، لاگېرغا تۇتقۇن قىلىش، خەلقنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلەش قاتارلىق مەسلىلەر مۇھاكىمىگە قويولغان.
مۇھاكىمىدە 150 دۆلەتنىڭ ب م ت دىكى ۋەكىلى سۆز قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئىچىدىكى 120 دۆلەت خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ماختىغان. ئاساسلىق غەرب ئەللىرىنى تەشكىل قىلغان ھالدا 30 نەچچە دۆلەت ئوخشىمىغان دەرىجىدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېر مەسىلىسىنى ئۇتتۇرىغا قويغان.
خىتاينى ئەيىبلىگەن دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ خىتاي ۋەكىللىرىدىن سورىغان سوئاللىرىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
ئامېرىكا: بەش يىلدىن بىرى شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرى تۇتقۇن قىلىنغان ئادەملەرنىڭ ئومۇمى سانى، ئۇلارنىڭ قايسى يىلى، قايسى ۋاقىت، قانداق ئورۇندا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى، تۇتقۇن قىلىنغان ئورۇنلاردا قانداق مەشىق، قانداق سىياسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىق ئەھۋالنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇشقا پېتىنالامسىلەر؟ تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئەرز قىلىش ھوقۇقى بارمۇ ؟ خىتاينىڭ تىنچ دىنى پائالىيەتنى قوغداش باھانىسى بىلەن « تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە تۇتقۇن قىلىش بىر خىل جىنايەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇلارنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشقا پېتىنالامسىلەر؟ « تەبىيىلەش مەركىزى» گە تۇتقۇن قىلىش سىياسىتىگە قايسى ئەمەلدار مەسئۇل؟
ئەنگلىيە:
خىتاي ب م ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كەمسىتىشنى تۈگىتىش، قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش سىياسىتىنى دەرھال توختىتىش، چەتئەلگە چىقىشنى چەكلەش قاتارلىقلار ھەققىدە بەرگەن تەكلىپىنى قانداق ئەمەلىي ئىجرا قىلماقچى؟ خىتاي باشقا مىللەتلەرنىڭ بولۇپمۇ، تىبەت خەلقىنىڭ دىنى ئەركىنلىكى، ئەركىن بېرىش – كېلىش ھوقۇقى، مەدەنىيەت ھوقۇقىنى قانداق كاپالەتكە ئىگە قىلماقچى؟
گېرمانىيە:
ب م ت كىشىلىك ھوقۇق خادىملىرىنى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ئۆيىگىچە كىرىپ، كەڭ- كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىش، ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈشكە يول قويۇشقا ۋەدە قىلالامسىلەر؟ شەرقىي تۈركىستاندا ئەيىبلىمەستىن، جىنايەت بېكىتىلمەستىن تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنى قويوپ بېرەمسىلەر؟
گوللاندىيە بىلەن شىۋېتسارىيە:
خىتاي ب م ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئالىي دەرىجىلىك مۇتەخەسىسلىرى ئىش بىجىرىش ئورنىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇشقا پېتىنالامدۇ؟
ئاۋىستىرىيە:
شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ قانۇنى تەرتىپلىرى بارمۇ؟ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇتقۇن قىلىشنىڭ قانۇنلۇق ياكى ئەمەسلىكىنى مۇستەقىل سودىيە بىلەن تەپتىشنىڭ تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشقا پېتىنالامدۇ؟
شىۋىتسارىيە:
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويۇۋاتقان دۇنيادا تەڭدىشىنى تاپقىلى بولمايدىغان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇ يەردىكى مىللەتلەرنىڭ دىنى ئەركىنلىكى ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالامدۇ؟
نورۋېگىيە:
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللەتلەرگە يۈرگۈزىۋاتقان سىياسەتنى قانداق ئۇسۇللار بىلەن تەڭشەپ، مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى خالىغانچە تارتىلىۋىلىش قىلمىشىدىن ساقلانماقچى؟

خىتاي ۋەكىللىرى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ