ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەيىخ مەكدىسىنىڭ ئىشىد ھەققىدىكى بايانامىسىنىڭ داۋامى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2014-07-19 10:58:53 جەمئى 2824 قېتىم ئوقۇلغان.

ئەھلى سۈننەتكە ، باشقا داۋەتچى گۇرۇپىلارغا ۋە مۇجاھىد گۇرۇپىلارغا شۇنداقلا ئومومىي مۇسۇلمانلارغا قانداق مۇئامىلىدە بولىدۇ؟

 (2)

ئالتىنچى : ئىشىدنىڭ ئىراقتىكى زەپەرلىرى بىلەن ئالاقىلىق كۆزقارىشىمنىڭ سورىغانلارغا مۇنداق جاۋاپ بەردىم: زەپەرنى قولغا كەلتۈرگەنلەرنىڭ ئەھۋاللىرى ۋە ياكى سۈپەتلىرى نېمە بولسا بولسۇن، ھېچقانداق بىر مۆمىننىڭ رافىزە  ۋە مۇرتەدلەرگە قارشى قولغا كەلتۈرگۈن زەپىرىگە سۈيۈنىشى مۆمكىن ئەمەس. ئەسلىدە ئەنسىرەش كېرەك بولغىنى بۇ زەپەرلەرنىڭ نەتىجىسىدۇر. زەپەرنى قولغا كەلتۈرگەن  يەرلەردە ، ئەھلى سۈننەتكە ، باشقا داۋەتچى گۇرۇپىلارغا ۋە مۇجاھىد گۇرۇپىلارغا شۇنداقلا ئومومىي مۇسۇلمانلارغا قانداق مۇئامىلىدە بولىدۇ؟ ئىراقتىن غەنىمەت ئېلىپ سۈرىيەگە ئېلىپ كەتكەن ئېغىر تىپتىكى قۇراللارنى كىمگە قارشى ئىشلىتىدۇ؟ مېنىڭ سۇئاللىرىم ۋە ئەنسىرەيدىغىنىمۇ دەل بۇلاردۇر. ئەھۋالغا قارىغىنىمىزدا ، بۇ سوئاللارنىڭ جاۋاپلىرىدىن ھەققىقەتەن قورقۇشىمىز كېرەك بولىدۇ. چۈنكى، بۇ قوراللارنى قولىدا تۇتقان كۈچكە، بىرمۇنچە سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئىشىنەلمەيمىز.

يەتىنچى : بۇ گۈن ئەتىگەن ماڭا ، خەلىپىلىكنىڭ خەلىپىلىك بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن تەمكىنىن يەنى يەر يۈزىدە مۇستەھكەم بولغان بىر كۈچ بولۇشىنىڭ شەرت ئەمەسلىكى پىكرىنى ياقىلىغان بىرەر ماتىريالنى ئوقۇپ- ئوقۇمىغانلىقىمنى سورىدى. مەنمۇ: ئوقۇمىدىم بىراق بۇنىڭدىن شۇنى چۈشىنىپ يەتتىمكى، گۇرۇپلارنىڭ خەلىپىلىكنىڭ ئىلانىنى قىلىدىغىنىغا ئاز قالغاندەك قىلىدۇ' دېدىم. ناۋادا ئىلان قىلىنسا سىز قانداق قارايسىز؟ دېدى.

مەن : ئۆزلىرىگە خەلىپە دەپ ئىسىم بېرىشى ماڭا ھېچقانداق بىر زىيان بولمايدۇ. مەن ۋاقتىمنى بىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازغانلىرىنى ئوقۇش بىلەن ئىسراپ قىلمايمەن. ھەمىمىز خەلىپىلىكنىڭ قايتىدىن كېلىشىنى، چېگرىلارنىڭ يوق قىلىنىشىنى، شېرىك بايراقلىرىنىڭ ئەمەلدىن قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ پەقەتلا مۇناپىقلارنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ. بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى ، ئىسىملارنىڭ ھەقىقەتكە مۇناسىپلىقى ۋە ھازىرقى ھالەتكە تەتبىقلانغان بولۇشىدۇر. كىمكى ۋاقتىدىن بۇرۇن بىر نەرسىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى ئۈچۈن ئالدىراقسانلىق قىلسا ، ئۇنىڭدىن مەھرۇم قالىدۇ. مېنىڭ بۇ يەردە كۆڭۈل بۆلىدىغىنىم: تەشكىلاتىن ئىراق دۆلىتىگە، ئاندىن ئىراق ۋە شام دۆلىتىگە، ئاندىن ئومومىي خەلىپىلىككە ئۆزگەرگەن بۇ گۇرۇپنىڭ خەلىپىلىك ئىلان قىلىنغاندىن كېيىن نېمە ئىش قىلىشىدۇر. بۇ خەلىپىلىك مۇسۇلمانلارنىڭ ۋە مۇستازافالارنىڭ پاناھلىنىدىغان بىر خەلىپىلىكى بولامدۇ؟ ياكى بۇ ئىسىم پۈتۈن مۇخالىپ كۈچلەرگە قارىتا غىلاپىدىن چىقىرىلغان بىر قېلىچتەك ، ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئىلان قىلىنغان ئەمىرلىكلەر ۋە جىھاد مەيدانلىرىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان باشقا گۇرۇپىلارنى يوق قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلىنامدۇ؟   

بۇنىڭدىن بۇرۇن كافكازلاردا قېرىنداشلىرىمىز ئەمىرلىك ئىلان قىلدى. بىراق باشقا رايۇنلاردىكى مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر بىرلىك قۇرمىدى. بۇ ئىسىم ئاستىدا ھارام قان تۆكمىدى،خەلىپىلىكنىڭ ئىلانىدىن كېيىن ، كافكاز ئىسلام ئەمىرلىكىكىنىڭ مەۋقەسى بۇ خەلىپىلىككە نىسپەتەن قانداق بولىدۇ؟

بۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن، تالىبان مۇللا ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنى مۇھاپىزە قىلسۇن) رەھبەرلىكىدە بىر ئەمىرلىك قۇرۇلدى. ئۇ ھازىرغىچە دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. ھەقىقەتەن ھازىرقى كۈنتەرتىپكە قارىتا تەتبىقلىغانلىرى بىلەن، ئەمىرلىك چۈشەنچىسىنىڭ ئۈستىگە باشقا بىر نەرسە قۇرمىدى. ھارام قان تۆكمىدى ۋە مەۋجۇت بولغان بىرلىكلەرنى بۇزمىدى. خەلىپىلىك ئىلان قىلغانلارنىڭ غەرىزىدە بۇ ئەمىرلىكنىڭ مەۋقەسى قانداق بولىدۇ؟ ئىراق ، سۈرىيە ۋە باشقا رايۇنلاردا تالىبانغا بەيئەت قىلىپ ئۇرۇش قىلغان باشقا گۇرۇپىلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟ مۇخالىپلەرنى باشلىرىڭلارنى ئوق بىلەن پارچىلايمىز دەپ تەھدىد قىلغانلارنىڭ غەرىزىدە مۇسۇلمانلارنىڭ قانلىرىنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟ مەنچە بۇلار جاۋاپ بېرىلىشى كېرەك بولغان مۇھىم سوئاللاردۇر.

ۋاقىت ئىسراپ قىلماستىن، ئادنانى بۇ سوئاللارغا بىز پەرەز قىلغان جاۋاپلارنى بەردى. بېرىلگەن جاۋاپلار دەل پەرەز قىلغىنىمىزدەك ئىدى، دېمەككى بىز ئۇلارغا ئازراق بولسىمۇ زۇلۇم قىلىپ سالماپتۇق.

ئى ئاللاھىم!سەن مۇسۇلمانلارغا مەرھەمەت قىل!ئۇلارغا ئىچىڭ ئاغرىسۇن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى... يامانلىق ۋە تەسلىكلەردىن ئۇلارنى يىراقلاشتۇر!

مۇسۇلمان قېنىغا تەشنا بولغانلارنى ئاگاھلاندۇرىمىز ۋە شۇ سۆزلەر بىلەن دېمەكچى بولغانلىرىمىزنى ئاخىرلاشتۇرىمىز: يۇقىر ئاۋازلىرىڭلار بىلەن ، ھەقىقەتنىڭ ئاۋازى بولىدىغانلىقىڭلارنى، ۋە ياكى تەھدىدلىرىڭلار بىلەن ۋاقىراپ- جاقىراشلىرىڭلار بىلەن ، ئەدەپسىزلىكلىرىڭلار بىلەن ، دۈشمەنلىكىڭلار بىلەن بىزنىڭ ھەقىقەتكە بولغان شاھىتلىقىمىزنى جىمىقتۇرىمىز دەپ ئويلاپ قالماڭلار. ھەرگىز ياق! مىڭلاپ، ئونمىڭلاپ ياق! بىز بۇ دىننىڭ سەمىمىي مۇھاپىزەتچىلىرى بولۇپ قېلىشنى داۋام قىلىمىز. ئۇخلاپ قالماستىن بۇزغۇنچىلارنىڭ ئازدۇرۇشلىرىدىن، بۇزۇلۇشلىرىدىن ، ھەدىدىن ئاشقانلارنىڭ يامان كۆرسىتىشلىرىدىن بۇ دىننى  مۇھاپىزەت قىلىمىز. ئۇلار ياكى توغرا يولغا قايتار ۋە تەۋبە قىلار. مۇسۇلمان قېنى تۆكۈشتىن ۋە ياكى بۇ دىننى يامان كۆرسىتىشتىن  ۋاز كەچسىڭلار ئۇ باشقا . بولمىسا  بىز قېلىچتەك ئۆتكۈر تىللىرىمىز، دەلىل - ھۆجەتلىرىمىز بىلەن جىگەرلىرىڭلارنى تىشىپ سىلەرگە تېتىيمىز. سىلەر ۋە باشقىلار بىزنىڭ سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىمىزنى بىلىسىلەر. ئاسمانلارنى تۈۋرۈكسىز تۇتۇپ تۇرغان ئاللاھقا قەسەمكى! بۇ دىن بىلەن ئويۇن ئوينىغان، مۇسۇلمانلارنىڭ قېنىنى تۆكۈشنى ئاددىي چاغلىغان ھەرقانداق بىرىنى بىزنى يالغانچىلىق، دۈشمەن دەپ تۆھمەتلەر بىلەن قارىلىغان تەقدىردىمۇ ھەرگىزمۇ بوش قويىۋەتمەيمىز. سىلەرنى ئاللاھنىڭ دىنىنى يامان كۆرسىتىشتىن، مۇسۇلمانلارىنىڭ ، مۇجاھىدلارنىڭ قېنىنى تۆكۈشتىن ئاگاھلاندۇرىمىز. ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە دۇرۇست سۆز قىلىڭلار.

ھەر ۋەقەنىڭ ۋە يەرنىڭ ئۆزىگە لايىق قىلىنىدىغان سۆزى بولىدۇ. 

بۇلار مېنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىمنىڭ ھەممىسى ئەمەس، بەلكى بىر قىسمىدۇر، دېدىم. بۇ مۇبارەك ۋە قىممەتلىك ئايدا ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ناچار سۆز قىلىشنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئەمەل قىلمىغاننىڭ ، يېمەك – ئىچمەكنى تەرك  قىلىشىغا ئاللاھنىڭ ئىھتىياجى يوقتۇر دېگەن سۆزىنى سىلەرگە سۇندۇم.

ئىبنى مەسۇت رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رامىزاننى قانداق قارشى ئالغانلىقى ھەققىدە سوئال سورىغاندا ئۇ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: ھېچبىرىمىز ، قەلبىمىزدە بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىمىزغا قارىتا زەررىچىلىك ئۆچمەنلىك بولغان ھالدا رامىزاننى قارشى ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمايتتۇق (تۈگىدى)

تەرجىمە قىلغۇچى؛ مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ