ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

پات يېقىندا بىزنىڭ چوڭ ئۆلۈملىرىمىزنىڭ خەۋەرلىرىنى ئاڭلايسىلەر، شۇ چاغدا پىشانىلىرىمىزگە : "بىزلەر كۈچىمىزنىڭ يېتىششىچە قارشىلىق كۆرسەتتۇق، ئىلگىرلەشكە تىرىشتۇق ۋە قاچمىدۇق، " كەلىمىلىرى يېزىلىدۇ

 

 

شەيخ ئەھمەد ياسىننىڭ ئاللاھقا ئەرزى

 

شەيىخ ئەھمەد ياسىننىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى زامانلىرىدىكى بۇ تەسىرلىك   ئەرز دۇئاسىنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ھاياتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇشنى تېخىمۇ مۇۋاپىق دەپ قارىدىم.

شەيخ ئەھمەد ياسىن 1937 – يىلى پەلەستىننىڭ ئاسقالان شەھىرىنىڭ ئەلجەۋرا يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1952 يىلى غەززە شەھىرىنىڭ ئىمام شافى مەكتىپىنىڭ باشلانغۇچ مەكتىبىنى پۈتەرگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەررىخال ئوتتۇرا مەكتىبىنى پۈتۈرۈپ 1958- يىلى بولسا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پىلىستىندە پۈتەرگەن. شەيخ ئەھمەت ياسىن مەيلى ھاياتىنىڭ بۇ مەزگىلىرىدە ۋە ياكى كېيىنكى دەۋرىلىرىدە نۇرغۇن مۇھىم ۋەقەلىكلەرگە شاھىت بولۇپ ياشىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئىنتايىن چوڭ تەسىرلەرنى پەيدا قىلغان.

1952- يىلى يازدا سۇ ئۈزۈش پائالىيىتىدە بەدىنى  باشىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ كېتىپ بويۇن ئومۇرتقىسى سۇنۇپ كېتىپ، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن بەدىنى پالەچ بولۇپ قالغان.

ئۇنىڭ پالەچلىكى نە ئۇنىڭ ئالاھىدە كىشىلەردىن دەرس ئېلىشىغا ، نە ئۇنىڭ ئەقىدىسى ۋە ئىرادىسى بويىچە ياشاشقا توسالغۇ بولالىدى.

 شەيخ ئەھمەد ياسىن 1987- يىلى باشلىغان ئىسلامى قارشىلىق كۆرسۈتۈش ھەرىكىتى بولغان ھاماس نىڭ قۇرغۇچىسىدۇر. شۇنىڭدىن ئىتېۋارەن  تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى نەپىسىگىچە بولغان 67 يىللىق ئۈمرىنى بۇ تەشكىلاتنىڭ مەنىۋى يېتەكچىسى بولغان ھالدا ئۆتكۈزىدۈ.  ھاياتى بويىچە نۇرغۇن قېتىم ئەگەشكۈچىلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، ئېغىر زۇلۇم ۋە قىيىن- قىستاقلارغا دۇچار بولغان شەيخ ئەھمەد ياسىن 2004- يىلى 22 مارتتا سىيونىزىمچى كۈچلەرنىڭ سۈيقەستى سەۋەبى بىلەن مەسجىتتە جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇۋاتقاندا شېھىت قىلىندى. ئۇنىڭ ھاياتى پەيغەمبەرنىڭ يولىدا يەنى ئىبادەت ، ھىجرەت ، جىھاد  ۋە شاھادەت يولىدا ياشىغان ھاياتتۇر. ئۇنىڭ ئاللاھقا ئىچ تۆكۈپ قىلغان تۆۋەندىكى  ئەرز دۇئاسى بىزگە ئۇنى ياخشى تونۇتۇش بىلەن بىرگە بىلىشىمىز كېرەك بولغان ۋە ئېلىشىمىز كېرەك بولغان دەرسلەرنى بېرىدۇ.

ئى رەببىم! ئۈممەتنىڭ سۈكۈناتىدىن ساڭا ئەرز  قىلىمەن. مەن، بىر ئاجىز قېرىمەن. قورۇپ قالغان ئىككى قولۇم قەلەمۇ تۇتالمايدۇ. قۇرالمۇ تۇتالمايدۇ. ئاۋازىم بىلەن يەر تېترەتكۈدەك بىر ئاۋاز چىقارغىدەك نۇتۇق قابىلىيىتىگىمۇ ئىگە ئەمەسمەن. مەن بولسام چاچلىرى ئاقارغان، ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا ، ھەر خىل كېسەللىكلەرگە دۇچار بولغان، ۋە بۇ كېسەللەر مېنىڭ ئۈستۈمدىن غالىپ كېلىۋاتقان بىرىمەن.

بىردىن  بىر ئۈمۈدىم ماڭا ئاخشاش مۇسۇلمانلارنىڭ ئاجىز ۋە يېتەرسىزلىكلىرىدىن تەسىر ئالغۇچى كىشىلەرنىڭ يېزىشىدۇر.

سىلەر ئى مۇسۇلمانلار!  ساداسىز، ئاجىز، ۋە ھالاك بولغان ئۆلۈكلەر!

 بېشىمىزغا كلېىۋاتقان بۇ پالاكەتلەرگە قارىتا يۈرەكلىرىڭلار جىغىلدىمامدۇ؟  ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئۈممەتنىڭ نومۇسى ئۈچۈن غەزەپلەنگىدەك بىرىلىرى يوقمى دۇ؟

 بىز بولساق شەرەپلىك قارشى تۇرغۇچى كۈچلەر دۇرمىز،  لېكىن بىرىلىرى بىزنى  قاتىل ،  تېرورچىلار  دەپ ئىلان قىلغانلارغا قارشى تۇرىدىغانلار يوقمۇ؟  مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززەتلىرى يوق قىلىنىۋاتسا خىجىل بولىدىغانلار يوقمۇ؟  بۇ ئۈممەت سىيونىست قاتىللار ۋە خالقئارالىق بىزگە قارشى يەڭ ئچىدە ئىش پۈتۈشىدىغانلارغا  قارشى ئاڭلىماس، كۆرمەس بولىۋېلىشلارغا قارىتا خىجالەت ھېس قىلمامدۇ؟  

بۇ ئۈممەتنىڭ  ئادەملىرىدىن تەشكىل تاپقان ئورگانلار، ئاممىۋى پائالىيەت كۈچلىرى ، پارتىيەلەر، تەشكىلاتلار ۋە تېنچلىقنى ياقلايدىغانلار  ئىچىدىن مۈرىلىرىمىزگە قوللىرىنى قويۇپ، كۆزلىرىمىزدىكى ياشلىرىمىزنى سۈرتۈشكە، يوللاردا ئېقىن ھاسىل قىلىپ، بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىشقا ، بىزنىڭ بېشىمىزغا كېلىۋاتقانلار ئۈچۈن ئاللاھ  رازىلىقى ئۈچۈن غەزەپلىنىدىغانلار يوقمۇ؟ ئى رەببىمىز! كۈچىمىزنى جەم قىلىپ بەرگىن! ئاجىزلىقلىرىمىزنى كۆتۈرۋەتكىن. مۆمىن بەندىلىرىڭگە ياردەم قىلغىن! دەپ دۇئا قىلىدىغانلار يوقمۇ؟ بۇنىڭغىمۇ كۈچى يەتمەمدۇ بۇ ئۈممەتنىڭ ؟ پات يېقىندا بىزنىڭ چوڭ ئۆلۈملىرىمىزنىڭ خەۋەرلىرىنى ئاڭلايسىلەر، شۇ چاغدا  پىشانىلىرىمىزگە :     بىزلەر كۈچىمىزنىڭ يېتىششىچە قارشىلىق كۆرسەتتۇق، ئىلگىرلەشكە تىرىشتۇق ۋە قاچمىدۇق، كەلىمىلىرى يېزىلىدۇ. ۋە بىزنىڭ بىلەن بىرگە بالىلىرىمىز، ئاياللىرىمىز، قېرىلىرىمىز ۋە ياشلىرىمىز ئۆلۈدۇ. ئۇلار  سۈكۈتتىكى، بۇ بوشاڭ ئۈممەتكە تۇترۇق بولىدۇ. بىزنىڭ تەسلىم بولۇشىمىزنى، ئاق بايراق چىقىرىشىمىزنى كۈتمەڭلار. چۈنكى، بىز بۇنداق قىلساقمۇ ھامان ئۆلىدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز. ئۇنداق بولغانكەن، ئۆلسەكمۇ جىھاد يولىدا ئۆلەيلى. خالىساڭلار بىز بىلەن بىر سەپتە بولۇڭلار.  سىلەردىن ھەر بىرىڭلار بىزنىڭ بۇ دەردىمىزنى بوينىغا زەنجىر قىلىپ ئاسسۇن.

ئەگەر يەنە خالىساڭلار، بىزگە ئىچىڭلار ئاغرىغان ھالدا ، بىزنىڭ ئۆلۈشىمىزگە قاراپ تۇراسىلەر. ئۈمۈد قىلىمىزكى، ئاللاھ ئامانەتكە ئىگە چىقمىغان ھەر كىشىدىن ھېساپ ئالغۇسىدۇر. ئۈمۈد قىلىمىزكى، بىزنىڭ قارشىمىزدا بولۇپ قالمىغايسىلەر. ھېچ بولمىسا بىزنىڭ قارشىمىزدىكىلەرنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قالماڭلار.

ئى ئۈممەتنىڭ رەھبەرلىرى!  ئى ئۈممەتنىڭ خەلقى!

ئى رەببىم!  ساڭا ئەرز  قىلىۋاتىمەن. ساڭا دەردىمنى سۆزلەۋاتىمەن. كۈچۈمنىڭ ئاجىزلىقىدىن، ئىمكانىمنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن، ۋە ئىنسانلارغا قارىتا ئاجىز تەرەپلىرىمدىن ساڭا دەرت تۆكۈۋاتىمەن. سەن ساڭا باغلانغانلارنىڭ رەببىسەن. سەن بىزنىڭ رەببىمىزسەن. سەن بىزنى كىمگە تاشلاپ قويىسەن؟ بىزنى بىزگە دوزاخ بولغان ئەھۋالغا تاشلاپ قويامسەن. ياكى دۈشمەنگە تاشلاپ قويامسەن؟

ئى پەرۋەردىگارىم!

ئېقىتىلغان قانلار، يەكسان قىلىنغان ئىززەتلەر، دەسەلگەن ھۆرمەتلەر، يېتىم قالغان بالىلار، ئوغۇللىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئانىلار، تۇل قالغان ئاياللار، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆيلەر، ۋەيران قىلىنغان زىرائەتلەرنىڭ ھەققى ھۆرمىتى ئۈچۈن ، ساڭا دۇئادا ئەرز سۇنۇۋاتىمەن !

ئى ئاللاھ! ساڭا مەن شىكايەت قىلىۋاتىمەن. ھالىمنى سۆزلەۋاتىمەن. بىزنىڭ كۈچۈمىز پارچىلاندى. بىرلىكىمىز بۇزۇلدى. يوللىرىمىز ئايرىلدى.

خەلقىمىزنىڭ ئاجىزلىقلىرى، ئۈممىتىمىزنىڭ بىزگە ياردەم قىلىشتا، دۈشمەندىن ئۈستۈن كېلىشتە ئاجىز كېلىپ قالىدىغان ئاجىزلىقى ئۈستۈدىن ساڭا دەرت تۈكۈۋاتىمە، ساڭا شىكايەت قىلىۋاتىمەن، يا رەب!

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ