ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن يۈزلەرچە كىلومېتىر يول يۈردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-12-05 12:12:18 جەمئى 511 قېتىم ئوقۇلغان.

شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن يۈزلەرچە كىلومېتىر يول يۈردى

 

    ئۆز خەۋىرىمىز: 4- دېكابرى خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق بېسىمىنىڭ ئاياغلىشىشى ئۈچۈن ئىستانبۇلدىن پىيادە يولغا چىققان ئىككى دوست ساكارياغا يېتىپ كەلدى.

    12- ئاينىڭ 1- كۈنى ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە قاراپ يولغا چىققان  ئەرشىدىن ئەركىن (32 ياش) بىلەن ئېلى زۇلپىقار (34 ياش)، 148 كىلومېتىر يول مېڭىپ 4- كۈنى ساكارياغا يېتىپ باردى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر زۇلۇمىغا ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئىكەن. ئۇلار بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق خىتاينىڭ چېكىدىن ئاشقان رەزىل قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش ئارقىلىق تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ دىققىتىنى قوزغاشنى مەقسەت قىلغان. ئۇ ئىككى كىشى شەرقى تۈركىستان ۋە تۈركىيەنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان بولۇپ، ئۇلار مۇخبىرلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا، «بىز تاكى دەردىمىزنى ئاڭلاتقىچە يۈرۈش قىلىمىز»  دەپ جاۋاپ بەرگەن.

    ئەرشىدىن ئەركىن سەپەر جەريانىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋابەن: «بىزنىڭ مەقسىتىمىز خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئاتالمىش تەربىيىلەش مەركىزى دەپ ئاتالغان جازا لاگېرلىرىدا خىتايلار تەرىپىدىن ناھەق تۇتقۇن قىلىنىپ ئازاپ چېكىۋاتقان 3 مىليوندىن ئارتۇق  ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەريادىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن» دەپ جاۋاپ بەرگەن.

    ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ؛ «بىز تۈركىيە ۋە دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمان ۋە تۈرك

قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان چېكىدىن ئاشقان زۇلمىغا

سۈكۈت قىلماسلىقىنى، شەرقى تۈركىستان خەلقىگە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز. بىزنىڭ مۇنداق سەپەر قىلىشىمىز ئاسان ئەمەس، ئەمما بىزنىڭ سەپەر جەريانىدا تارتقان قىيىنچىلىقىمىزدىن ئىشغال ئاستىدىكى ۋەتىنىمىزدە  ئىڭراۋاتقان خەلقىمىزنىڭ كۆرۈۋاتقان كۈلپىتى نەچچە ھەسسە ئېغىر. بىز بۇ سەپىرىمىزنى تاكى ھېچقانداق گۇناھى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، مەجبۇرى ھالدا تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلاردا ئازاپ چېكىۋاتقان بىگۇناھ خەلقىمىزنىڭ دەردىنى ئاڭلاتقىچە داۋاملاشتۇرىمىز. بۇ يولدا ئۆلسەكمۇ ئارقىمىزغا قايتمايمىز» دېگەن.

    تۈركىيە بىزگە ئىگە بولسۇن

    ئەرشىدىن ئەركىن بىلەن ئېلى زۇلپىقارلار سەپەر جەريانىدا نەگىلا بارسا تۈركىيە خەلقى تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىپ كۈتۈۋېلىنغان ۋە ياردىمىگە ئېرىشكەن. ساقچىلارمۇ ئۇلارنى كۈتۈۋېلىپ ھال سورىغان ھەمدە مىھمان قىلغان. ئەرشىدىن ئەركىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا، «تۈركىيەگە بەك ھۆرمىتىمىز بار. تۈركىيە بىزگە ئىشىكلىرىنى ئېچىپ بەردى، نان بەردى، بىزگە ئىگە بولدى. تۈركىيەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بىزگە ئىگە بولىشىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلمىغا قارشى بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.» دېگەن.

     ئېلى زۇلپىقار مۇخبىرلارنىڭ سورىغان سوئالىغا جاۋاپ بېرىپ: «ھېچقانداق گۇناھى بولمىغان مىليونلارچە خەلقىمىز يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ناھەق ھالدا ياتماقتا. ھەر كۈنى يۈز مىڭلارچە بىگۇنا ئىنسان خىتايلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلمەكتە. بىز ئۇلارنىڭ ئاۋازى بولىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تەئەلا بىزگە قانچىلىك كۈچ- قۇۋۋەت بەرسە تاكى شۇ  كۈچ- قۇۋۋىتىمىز تۈگىگىچە بىز بۇ سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دەپ خاۋاپ بەرگەن


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ