ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستان ھەيئىتى خەلقئارا ئەرەب ئاخبارات مەركىزىنى زىيارەت قىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-11 12:47:30 جەمئى 1118 قېتىم ئوقۇلغان.

شەرقىي تۈركىستان ھەيئىتى خەلقئارا ئەرەب ئاخبارات مەركىزىنى زىيارەت قىلدى

شەرقىي تۈركىستان ھەيئىتى خەلقئارا ئەرەب ئاخبارات مەركىزىنى زىيارەت قىلدى ئۆز خەۋىرىمىز، 8-ئاپرېل شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ۋە مائارىپ جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى سىراجىدىن ئەزىزىي ۋە بىرلىكنىڭ دەۋەت گۇرۇپپىسىدىن ھەبىبۇللاھ كۈسەنىي ۋە مەھمۇتجان داموللام قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت ئىسلام دۇنياسىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تونۇتۇش، دۆلەت ئورۇنلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئەرەب جەمئىيىتىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن باشلىغان دىپلوماتىيە ھەرىكىتىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە كۇۋەيتكە يېتىپ باردى. ھەيئەت 10-ئاپرېل كۇۋەيت خەلقئارا ئەرەبچە تەشۋىقات مەركىزى «ئەلمۇجتەمىئە ژۇرنىلى»، «كۇۋەيت ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە مەركىزى»نى زىيارەت قىلدى.

زىيارەتتە ھەيئەت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن ئىسلام دىنىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى جىنايى قىلمىشلىرىنى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى لاگېر ۋە تۈرمىلەردە قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى ھەمدە بارلىق شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ سىۋۇلى سۈپىتىدە لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغان ياكى ئىز- دېرىكى بولمىغان بىر قانچە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ رەسمىنى كۆرسىتىپ، خەلقئارا ئەرەبچە تەشۋىقات مەركىزىدە گۇۋاھلىق بەردى. 

« ئەلمۇجتەمىئە ژورنىلى» 1970-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، قۇرۇلغاندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسنى ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىغا تونۇشتۇرۇشقا ئېتىبار بېرىپ كەلگەن تەشۋىقات ئورۇنلىرىدىن بىرى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ