ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى ناشتىلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-15 10:18:45 جەمئى 669 قېتىم ئوقۇلغان.

شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى ناشتىلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى ناشتىلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

13-ئاپرېل شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى شەرقىي تۈركىستانلىق يېتىم ۋە موھتاج پەرزەنتلەرگە ياردەم قىلغۇچىلارغا قارىتا ناشتىلىق پىروگراممىسى ئورۇنلاشتۇردى. ناشتىلىق پائالىيىتى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەتكە تەۋە بولغان بېلگراد كاپى ئىجتىمائىي پائالىيەت زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى رەھبەرلىك ھەيئىتى، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل، تەنتەربىيە جەمئىيەتلىرى، ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى ئەزالىرىدىن ۋە تۈركىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان شەخسلەر ۋە تەشكىلات ئەزالىرى قاتناشتى. بۇنىڭدىن سىرت يەنە تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي پائالىيەت جەمئىيەتلىرىدىن ئى ھ ھ (IHH)، مەدەنىيەت ۋەقفى، ھۇدا پارتىيەسى رەھبەرلىرى، رەفاھ پارتىيەسى رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن، شۇنداقلا ھىندونېزىيەدىن كېلىپ تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ساخاۋەتچىلەر، شۇنداقلا يېتىم ، موھتاج پەرزەنتلەر بولۇپ 280 دىن ئارتۇق كىشى پائالىيەتكە قاتناشتى.قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلانغان پائالىيەتتە نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى.

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان پائالىيەتتە سۆز قىلىپ، نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە جەمئىيەتنىڭ پەقەت يېتىملار خىزمىتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدا ۋە ھەرقايسى ساھەلىرىدىمۇ جىددىي خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم ناشتىلىق پائالىيىتىگە ئاۋاز قوشۇپ قاتناشقان بارلىق مېھمانلارغا رەھمىتىنى بىلدۈردى ۋە ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرۇشىنى سورىدى. ھۇدا پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل رايونى رەئىسى ئەردال ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىنى تونۇغاندىن بېرى ئۇلاردىكى ئىمان ۋە قانائەتچانلىقتىن تولىمۇ تەسىرلەنگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي تۈردە دەۋا قىلغۇچىلارغا خاس ئەخلاق ۋە شىجائەت بىلەن ياشاۋاتقانلىقىدىن ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئەڭ لايىق كىشىلەر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تۈركىيەدە جىددىي كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ھىندونېزىيەدىن كەلگەن ياردەم قۇرۇلۇشى مەسئۇلى فىردەۋس ئەپەندى سۆز قىلىپ، ھىندونېزىيە خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ۋە تۇل-يېتىملەرگە ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رەفاھ پارتىيەسىنىڭ ئاياللار بۆلۈمى مەسئۇلى سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى ئۆزىنىڭ يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەڭ يېقىن ئۆتىدىغان بىر ئۇيغۇر دوستىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قايتقاندىن كېيىن قايتىپ كېلەلمىگەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىغانلىقىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنىڭ قانچىلىك كۈچەيگەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئۇ دوستىنى ۋە بارلىق ئۇيغۇرلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كۆز يېشى قىلدى. ئاخىرىدا پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن دۇئا قىلدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ