<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى قانۇنسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىماقتا

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-12 12:12:12 جەمئى 1542 قېتىم ئوقۇلغان.

شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى قانۇنسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىماقتا

شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى قانۇنسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىماقتا
12- سىنتەبېر BITTER WINTER تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھېچقاندا قانۇنغا تايانماستىن 10 يىلدىن يۇقىرى جازالاشقا باشلىغان.
خەۋەردە خىتاي جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 120- ماددىسىدا «كىتاب، ئۈن – سىن ماتىرياللىرى ۋاستىسى بىلەن زوراۋانلىققا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى تارقاتقانلار ئىچىدىن ئەھۋالى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى جازا بېرىلدۇ» دىيىلگەن بولسىمۇ بىراق شەرقىي تۈركىستانلىق ياش ئادىل ( ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) دوستىدىن بىر يۆتكەلمە دىسكىنى ئالغانلىقى، دىسكا ئىچىدە ناماز ئوقۇشنى ئۆگىنىشكە ئالاقىدار مەزمۇنلارنىڭ بارلىقى، 2018- يىلى خىتاي ساقچىلىرى ئادىلنىڭ ئۆيىدىن مەزكۇر دىسكىنى ئاختۇرۇپ تېپىپ، ناماز ئوقۇشنى ئۆگىنىش مەزمۇنىدىكى دىسكىنى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن، ئادىلنى تۇتقۇن قىلىپ ، 11 يىل كەسكەنلىكى، ئادىلنىڭ ئۈچ بالىسى ۋە ئايالنىڭ ئىگە- چاقىسىز قالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە، ئەركىن ( ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) بىر يۆتكەلمە دېسكىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى، مەزكۇر دېسكىنىڭ ئىچىدە نىمىلەر بار ئىكەنلىكىنى كۆرمەستىن ئەنسىزلىك ئىچىدە ساقچىغا مەلۇم قىلغانلىقى، ئەركىن خىتاي ساقچىلىرىغا ئۆزىنىڭ ھېچقانداق نەرسىنى كۆرمىگەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ بىراق خىتاي ساقچىلىرى ئۇنى 15 يىل كەسكەنلىكى، خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئېلىپ بارغان باستۇرۇشلىرىدا ھېچقانداق قانۇنغا ئاساسلانماي تۇتقۇن قىلىپ، باھانە تېپىپ ھېچقانداق قانۇنى تەرتىپتىن ئۆتكۈزمەستىن كېسىم چىقارغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ