ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستان داۋاسى تۈركىيە خەلقى ئارىسىدا كۈن-تەرتىپكە كېلىشكە باشلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-01-21 16:50:27 جەمئى 8755 قېتىم ئوقۇلغان.

شەرقىي تۈركىستان داۋاسى تۈركىيە خەلقى ئارىسىدا كۈن-تەرتىپكە كېلىشكە باشلىدى

شەرقىي تۈركىستان داۋاسى تۈركىيە خەلقى ئارىسىدا كۈن-تەرتىپكە كېلىشكە باشلىدى

ئۆز خەۋىرىمىز: 20- يانۋار  ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلى ئالدىدا ئوسمانلى ئوجاكلىرى خىتايغا قارىشى نامايىش قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بىرىۋاتقان سىياسى باستۇرۇش ۋە ئىرقى قىرغىن قىلىش جىنايىتىنى لەنەتلىدى. خىتاي كونسۇلى ئالدىدا خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلىپ،خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندا تەسس قىلغان لاگېرلارنى تاقاشقا، شەرقىي تۈركسىتان خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلدى. 
20- يانۋار يەنە، ئىزمىردە SivasYeğidolar جەمىئىيىتى تەرىپىدىن خىتايغا قارشى نامايش ئېلىپ بېرىلدى.
ئىزمىرنىڭ كوناق شەھىرى گۈندوغدۇ مايدانىغا يىغىلغان SivasYeğidolar جەمئىيەتلەر بىرلىكى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىن قىلىش جىنايىتىنى لەنەتلىدى ھەمدە خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلدى.
20- ئۆكتەبىر يەنە، ئادياماندىكى ڧاتىھ سۇلتام مەھمەت موتىسىكلىت قۇلۇپىنىڭ 35 كىشىلىك ئەزاسى موتوسىكىلىتلىق يول يۈرۈش ۋاسىتىسى بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتان خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى نامايىش قىلدى ھەمدە خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندا لاگىرلارغا تۇتقۇن قىلغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. ئاخىردا شەرقىي تۈركسىتان خەلقىگە ئاتاپ دۇئا قىلدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ