<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈن- تىنسىز قىرغىن قىلىنماقتا

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-06-27 15:26:07 جەمئى 7794 قېتىم ئوقۇلغان.

شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈن- تىنسىز قىرغىن قىلىنماقتا

شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈن- تىنسىز قىرغىن قىلىنماقتا
26- ئىيۇن china aid تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، بەختىگە يارىشا «تەربىيىلەش لاگېرى»دىن نەچچە ھەسسە قورقۇنۇچلۇق ئۈرۈمچى قاماقخانىسىدىن تىرىك چىققان بىر ئۇيغۇر ئايال خىتاي رېجىمنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قاماقخانا ۋە تۈرمىلەردە ئۈن- تىنسىز قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلىدى.
خىتاي رىجىمى 2017- يىلى يىل بېشىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنى كەڭ- كۆلەمدە سەۋەبسىز تۇتۇپ بىر قىسمىنى تۈرمىلەرگە، بىر قىسمىنى ئاتالمىش « تەربىيىلەش لاگېرى»غا سولىغان. تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەر شەپقەتسىز قىيىن – قىستاق ۋە خورلۇقلارغا ئۇچرىغان.
ئاتالمىش « تەربىيىلەش لاگېرى» خىتاي رېجىمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان باستۇرۇش سىياسىتى ئىچىدە يىڭى تەدبىر بولغانلىقتىنمۇ ياكى ئاتالمىش « تەربىيىلەش لاگېرى» غا بارلىق شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ ئائىلە كىشلىرى، ياكى تۇغقانلىرى ، ھېچبولمىغاندا دوستى قامالغان بولغاچقىمۇ ئەيتاۋۇر شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن تۈرمىلەردە قىينىلىۋاتقان، ئۈن- تىنسىز قىرغىن قىلىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ ئويغاق قەھرىمانلىرى ئۇنتۇلۇپ قالغان ئىدى.
يېقىندا china aid تورى مۇخبىرلىرى ئۈرۈمچى قاماقخانىسىدىن بەختىگە يارىشا تىرىك چىققان 30 ياش ئەتراپىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇر خانىمنى زىيارەت قىلغان.
خانىم مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆتكەن يىلى يىل ئاخىرىدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن كېچىدە سەۋەپسىز ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى، ئىككى ئايدىن كېين يانفونىغا« WhatsAPP قاچىلاش» باھانىسى بىلەن قولغان ئېلىنغانلىقىنى، قاماقخانىدا ئىنسان تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىغان قىيىن- قىستاقلارغا دۈچ كەلگەنلىكىنى، خىتاي رىجىمى قاماقخاندىكى مەھبۇسلارنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنىڭ جەمئىيەتكە تارقىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە گۇندىپايلا بىلەن تونۇشۇپ يېقىنلىشىپ ئائىلسىگە خەۋەر يەتكۈزۈپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلش ئۈچۈن، باشقا كامېر ۋە باشقا قاماقخانىلارغا دائىم يۆتكەپ تۇرىدىغانلىقىنى، بىر-بىرىنى تونۇيدىغان مەھبۇسلارنى بىر كامىرغا سولىمىغانلىقىنى، ئاز دېگەندە ھەپتىدە بىر قېتىم باشقا كامىرغا ياكى باشقا قاماقخانىغا يۆتكەپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بىر قانچە ئاي ئىچىدە 30 نەچچە قېتىم باشقا قاماقخانا ياكى باشقا كامىرغا يۆتكەلگەنلىكىنى، يۆتكەلگەن كامىردا گۇندىپايلارنىڭ ياكى سوراقچىلارنىڭ قيىن- قىستاق ۋە خارلىشى ھەمدە كۈندە بىرىدىغان ئىككى ۋاقىتلىق تاماق سۈپىتىنىڭ ناچارلىقىدىن قان يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن قانچىلىغان كىشىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ھەمدە ئەقلىدىن ئادىشىپ قالغانلىقىغا شاھىت بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
گۇندىپايلار ئايال مەھبۇسلارنىڭ خورلۇققا، ئازابقا چىدىماي يىغلىغان يىغىسىنى بىر خىل خاتالىق ھېساپلاپ، مەزكۇر شاھىتنى «يېغىلدى» دېگەن باھانە بىلەن ئالتە كلو گرام ئېغىرلىقتىكى ئىشكەل تاقاپ قىينىغانلىقى، مەھبۇسلارنى دائىم ھەربىي مەشىققە سالىدىغانلىقىنى، ياشىنىپ قالغان بىر ئايال ئايىغى سېلىنىپ كىتپ ئايىغىنى ئېلىشقا تەمشەلگەندە گوندىپاي ئوق ئېتىپ پۇتنى سۇندۇرۇپ مەيداننى قانغا بوياپ ئايالنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى، ئۈرۈمچىنىڭ قىشلىق پەسلىدە مەھبۇسلارنىڭ بەدىنىگە سۇ چېچىپ ئازابلايدىغانلىقىنى، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا ئاياللارنىڭ ئەمچىكىگە يوقۇرى بېسىملىق توك كالتىكى ياقىدىغانلىقىنى ياكى چېچىنى تۇتۇپ سىلكىپ تارتىپ قىينايدىغانلىقىنى، ھەر كۈنى بىر قانچە ئايالنىڭ جەسىدى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى، ئېلگىرى تەڭسىزلىك ۋە خورلۇققا چىدىماي دائىم يىغلايدىغان شاھىت باشقا قېرىنداشلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆلۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يىغلاشنى توختاتقانلىقىنى، قاماقخانىغا بەش ئادەم كىرسە پەقەتلا بىر كىشىنىڭ ھايات چىقالايدىغانلىقىنى، مەزكۇر شاھىت بىلەن بىر كېچىدە 300 دەك ئايالنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئۇلارنىڭ ئېچىدىن بەختىگە يارىشا شاھىتنىڭ تىرىك چىققانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
تەھلىلچىلەر: شاھىتنىڭ قاماقخانا ۋە تۈرمىلەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۈن- تىنسىز قىرغىن قىلىنغانلىقى، بەش ئادەم تۇتۇلسا بىرىنىڭ تىرىك چىقالايدىغانلىقى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقى بولسا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا تۈرمە ياكى قاماقخانىلاردا قامىلىپ ئىز-دېرىكى بولمىغان ساناقسىز كشىلەرنىڭ خىتاي رىجىمى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئېنىق ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان داۋا سېپىدا خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق يېتەكچىلەر بىرلىك سەپ ھاسىل قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تۈرمە ۋە قاماقخانىلاردا ئۈن-تىنسىز قىرىلىپ كېتىۋاتقان مەھبۇسلار تەرىپىگە قارىتىشنىڭ تەخىرسىز مۇھىم بىر خىزمەت ئىكەنلىكىنى ھەمدە كۈنكرىت تەدبىر قوللىنىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ