<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە چاقىرىق

شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە چاقىرىق
ھازىرغىچە ئۇنتۇيالمىغان 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا مىڭلىغان ئوت يۈرەك ياشلىرىمىز شېھىت قىلىندى. نەچچە مىڭلىغان قېرىنداشلىرىمىز ئىز- دېرەكسىز يوقاپ كەتتى.

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇماسلىق، قاتىل خىتايغا بولغان نەپرەت ۋە لەنىتىمىزنى ئىپادىلەش، خەلقىمىزنى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا تېخىمۇ جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9- يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى 10000 كىشىلىك كەڭ- كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارماقچى.

نامايىشتا خىتاينىڭ 5- ئىيۇل قىرغىنچلىقىغا قارىشى ھەمدە خىتايغا يېقىندىن بىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر خىل شەكىلدىكى ئىرقىي كەمستىش، تۈرمە ۋە ئاتالمىش « تەربىيىلەش لاگېرى »غا قاماپ خورلاش قاتارلىق قىلمىشلىرىغا قارىشى بايانات ئېلان قىلىندۇ.

تۈركىيىدە ياشاۋاتقان بارلىق ئەر- ئايال قېرىنداشلىرىمىز، ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستانلىق دەپ بىلىدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئويدە ئولتۇرپ قالماي تولۇق ئىشتىراك قىلىپ ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا ھەمدە دۇنيا خەلقىگە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئويغانغانلىقىنى ، خىتاينىڭ زۇلمىغا قارشى ئورندىن دەس تۇرغانلىقىنى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسىنىڭ نەقدەر كۈچلۇك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشىگە چاقىرىمىز.

نامايىش ئورنى: خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا.

نامايىش ۋاقتى: 2018- 7- ئاينىڭ 5- كۈنى(پەيشەنبە) سائەت 12:00 دە.

ئاپتۇبوس قوزغىلىدىغان ۋاقىت: چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00 دا

نامايىشقا ئېلىپ بارىدىغان ئاپتۇبوس تەييارلاندى.

زېيتىنبۇرنۇدىن يولغا چىقىدىغان ئورۇن: زېيتىنبۇرنۇ ئەمنە ئىنانچ جامى ئارقىسى.

سەفاكۆيدىن يولغا چىقىدىغان ئورۇن: چارداقلى بېكىتى.

ھۆرمەت بىلەن: شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ