ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرماقتا

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-10 16:02:22 جەمئى 3549 قېتىم ئوقۇلغان.

شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيسىنىڭ ئىستانبۇل كۈچۈكچەكمەجە رايونلۇق شۆبىسىنىڭ ھەمكارلىقىدا ياش ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ بەدەن ساپاسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن بىر قاتار تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى باشلاتتى.

 

شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرماقتا

ئۆز خەۋىرىمىز، 9 – سىنتەبىر يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيسىنىڭ ئىستانبۇل كۈچۈكچەكمەجە رايونلۇق شۆبىسىنىڭ ھەمكارلىقىدا ياش ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ بەدەن ساپاسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن بىر قاتار تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى باشلاتتى.

تۆنۈگۈن ئەتتىگەندە باشلانغان پائالىيەت 3 نەپەر تەنتەربىيە مۇتەخەسسىسىنىڭ ئەتراپلىق دەرس سۆزلىشى بىلەن باشلاندى.

كېيىن 50 نەپەر ئۇيغۇر يېتىملىرىگە يېڭى كېيىم-كېچەك ۋە مەكتەب ئوقۇش قوراللىرى ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ يېقىندا باشلىنىدىغان مەكتىۋىگە خۇشال خورام بېرىشىغا ھەسسە قوشۇلدى.

ئاخىرىدا كەچ سائەت سەككىزدە تۈركلەرنىڭ مىللىي تەنتەربىيە تۈرلىرىدىن بىرى بولغان ئوقياچىلىق كۇرسى باشلاندى.

كۇرسقا كىچىك ئۆسمۈرلەردىن باشلاپ ياشلارغىچە 20 دىن كۆپ كىشى قاتناشتى.

كۇرسقا قاتناشقان ئۆسمۈرلىرىمىز ۋە ياشلارنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، قىزغىن كەيپىياتتا ئوقچى ئۇستىسىدىن تەلىم ئالدى.

شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى رەئىسى مەردان جەمئىيەت قۇرۇلغاندىن بۇيان ياش-ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشى بىلەن پائالىيەتلەرنىڭ كۈنسىرى جانلىنىۋاتقانلىقىنى، گەرچە يېڭى قۇرۇلغان بولسىمۇ ئىستانبۇلدا پۇتبول ۋە ۋاسكىتبول مۇسابىقىلىرى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى ۋە ئالدىمىزدىكى 15- 16- سىنتەبىر كۈنلىرى مىللىيچە چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە كەڭ ئاتا – ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى جەمئىيەتكە ئەكىلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تەنتەربىيىدە ئۆزلىرى قىزىقىدىغان ساھەلەردە تەربىيلىنىشىگە ياردەمچى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيسىنىڭ ئىستانبۇل كۈچۈكچەكمەجە رايونلۇق شۆبە مۇئاۋىن رەئىسى مۇستافا دىققەتلى ئەپەندى ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى، پەرزەنتلىرىمىزدە جۇشقۇن، روھلۇق، كۈچلۈك تەربىيلەش ئۈچۈن تەنتەربىيەنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇندىن كېيىن چېلىشىش، بوكس ۋە ئوقياچىلىق ساھەلىرىگە كۈچەيدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستانلىق ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ تۈركىيە ھەم شەرقىي تۈركسىتانغا شەرەپ كەلتۈرىدىغان مۇھىم شەخسلەردىن بولۇپ چىقىشىغا ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ