ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئەنقەرەدە بۈيۈك بىرلىك پارتىيە مەركىزىنى زىيارەت قىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-08-08 19:14:05 جەمئى 3270 قېتىم ئوقۇلغان.

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئەنقەرەدە بۈيۈك بىرلىك پارتىيە مەركىزىنى زىيارەت قىلدى

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئەنقەرەدە بۈيۈك بىرلىك پارتىيە مەركىزىنى زىيارەت قىلدى

8- ئاۋغۇست شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىك رەھبەرلىكى ۋە پىشقەدەملەردىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت تۈركىيىدىكى سىياسىي پارتىيەلەردىن بۈيۈك بىرلىك پارتىيسىنى زىيارەت قىلدى.

ھەيئەتنى پارتىيە رەئىسى مۇستافا دەسىتىجى قىزغىن كۈتۈۋالدى. زىيارەتتە شەرقىي تۈركستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت ئەھۋالى، ھەمدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندا تەسس قىلغان ئاتالمىش «تەربىيىلەش لاگېرى» نامىدىكى جازا لاگىرلارنى تاقاشقا مەجبۇىلاش ھەققىدە تۈركىيىنىڭ سۈكۈت قىلىۋالماسلىقى ئۈمىد قىلىندى. ھەيئەت يەنە، رەئىسى مۇستافا دەسىتىجىدىن تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش، تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا يەتكۈزۈش تەلەپ قىلىندى.

بۇگۈن ھۆرمەتلىك رەئىس مۇستاپا دەستىچى بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى مەركىزىدە « شەرقىي تۈركىستان مەسلىسى ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسس قىلغان ئاتالمىش « تەربىيىلەش لاگېرى» ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

ئاخىردا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىك رەھبەرلىكى ۋە پىشقەدەملەردىن تەشكىللەنگەن ھەيئەت   بۈيۈك بىرلىك پارتىيە رەئىسى مۇستاپا دەستىجىنىڭ شەرقىي تۈركسىتاندىكى لاگېرلارنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كىلىپ، ئالاھىدە بايانات بەرگەنلىكىگە تەشەككۇرلىرىنى بىلدۈردى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ