ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەھمەد تاشگېتىرەننى زىيارەت قىلدى.

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-12 15:44:56 جەمئى 1140 قېتىم ئوقۇلغان.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەھمەد تاشگېتىرەننى زىيارەت قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى  ئەھمەد تاشگېتىرەننى زىيارەت قىلدى.

2018-يىلى 10-ئاينىڭ 12 - كۈنى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇجات، ئۆلىمالار بىرلىكى دەۋەت گۇرۇپپىسى ئەزاسى مەھمۇدجان داموللام ۋە ئىجرائىيە ھەيئىتى ئەزاسى نىزامىددىن تەمكىنىي قاتارلىق بىر ھەيئەت ئالتۇن ئولۇق ژۇرنىلىنىڭ باش مەسئۇلى ۋە ئەركام رادىئوسىنىڭ دېكتورى ئەھمەد تاشگېتىرەننى زىياەرت قىلدى. 

زىيارەت جەريانىدا، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرى تونۇشتۇرلغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە خىتاي رېجىمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئومۇمىيۈزلۈك ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقلىرى تەپسىلىي ئاڭلىتىلىش بىلەن بىرگە، شەرقى تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيتىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىدى.

ئەھمەد تاشگېتىرەن ئەپەندىم ئۆزىنىڭ نەچچە ئون يىللاردىن بىرى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقى، ھەتتا مەرھۇم ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن بىرگە بۇ دەۋاغا خىزمەت قىلغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭمۇ ئىسلام تۇپراقلىرىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكى، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دەۋاسىنى تۈرك خەلقى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ