ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى گوللاندىيىدە

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-10 21:44:01 جەمئى 12348 قېتىم ئوقۇلغان.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى بۈگۈن 10- سىنتەبىر گوللاندىيە يېتىپ كېلىپ، گوللاندىيەدىكى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى رەھبەرلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائەتلىرى بىلەن ئۇچراشتى

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى بۈگۈن 10- سىنتەبىر گوللاندىيە يېتىپ كېلىپ، گوللاندىيەدىكى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى رەھبەرلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائەتلىرى بىلەن ئۇچراشتى . مەزكۇر ئۇچرىشىشتا ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتۇر ئاتائۇللاھ شەھيار تەكلىپ بىلەن سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى نېمە ئۈچۈن تەىسىس قىلىندى دېگەن ماۋزۇدا سۆز قىلىپ، ئۆلىمالار بىرلىكىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ نېمە سەۋەبتىن قۇرۇلغانلىقى، مەزكۇر تەشكىلاتنى قۇرۇشقا سەۋەب بولغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ نېمە ئىكەنلىكى توغرىسىدا تەپسىلى توختالدى.

دوكتۇر شەھيار سۆزىدە يەنە: شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن زىددىيىتىنىڭ يوقلىقى ۋە شۇنداقلا ھېچقانداق بىر تەشكىلاتنىڭمۇ باشقۇرىشىدا ئەمەسلىكى، بەلكى ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇستەقىل بىر تەشكىلات ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىزاھاتلارنى بەردى. ئۆلىمالار ھەيئىتىنىڭ ياۋرۇپا زىيارىتى مەقسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆلىمالار بىرلىكى ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا دىنى خىزمەتنى قانداق ۋە قايسى شەكىلدە بىرەلەيدىغانلىقىنى سوراش ۋە قېرىنداشلار بىلەن تونۇشۇش نىيىتى بىلەن كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئاخىرىدا گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇستاز ئابدۇراھمان قاراجىمنى ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ گوللاندىيە تەمسىلچىسى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىىنى ئېلان قىلدى. ئاخىرىدا دوكتۇر ئالىمجان سۆز قىلىپ پەتىۋا-شەرئىي مەسلىھەت بۆلۈمىنىڭ قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنى ۋە خىزمەت مىتۇدىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

سورۇن ئاخىرىدا ئۆلىمالىرىمىز جامەئەتنىڭ ھەرخىل سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ