ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى جەنۋە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدە زىيارەتتە بولدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-14 11:47:45 جەمئى 2068 قېتىم ئوقۇلغان.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى جەنۋە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدە زىيارەتتە بولدى

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى جەنۋە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدە زىيارەتتە بولدى
13- سىنتەبېر شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى جەنۋە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسى شەيخ نۇرىددىن ئەلفەرجانىنىڭ دەۋىتى بىلەن جەنۋە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.
زىيارەت جەريانىدا ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتائۇللاھ شەھيار ئۆلىمالار بىرلىكى ۋە قىلىنىۋاتقان دىنى خىزمەتلەر ھەققىدە توختالغاندىن كىيىن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە ئاڭلاتتى. ۋەتەندە بولىۋاتقان زۇلۇملارنى ئاڭلىغان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسى شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان زۇلۇملارنى يىقىندىن كۈزۈتۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھەيئەتنىڭ ناماز شامدىن كىيىن جامائەتكە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە سۆز قىلىپ بېرىشىنى تەكلىپ قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى فىنلاندىيە ۋەكىلى دوكتور مۇھەممەد ئەلى قارىم شام نامىزىدىن كىيىن جامائەتكە سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ۋە مىللىتىمىز دۇچ كىلىۋاتقان پاجىئەلەرنى بايان قىلدى.
ئاخىردا جامائەتتىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى دۇئالىرىدا ياد ئېتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ