ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى نەجمىددىن ئەرباقان ئۈنىۋېرستىتى ئىلاھىيەت فاكولتىتى مۇدىرى پروفېسسور دوكتۇر رامزان ئالتۇنتاشنى زىيارەت قىلدى.

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-11-04 22:03:59 جەمئى 2000 قېتىم ئوقۇلغان.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى نەجمىددىن ئەرباقان ئۈنىۋېرستىتى ئىلاھىيەت فاكولتىتى مۇدىرى پروفېسسور دوكتۇر رامزان ئالتۇنتاشنى زىيارەت قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى نەجمىددىن ئەرباقان ئۈنىۋېرستىتى ئىلاھىيەت فاكولتىتى مۇدىرى پروفېسسور دوكتۇر رامزان ئالتۇنتاشنى زىيارەت قىلدى.
2018-يىلى 11-ئاينىڭ 02- كۈنى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇجات، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى باش كاتىپى ۋە ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئابدۇلئەھەد ئابدىراھمان، سۇ تۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى ئوقۇغۇچى ئىشلىرى مەسئۇلى ۋە ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى مۇھەممەد ئۆمەر قاراجىم ۋە ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى مەھمۇدجان داموللام قاتارلىق بىر ھەيئەت نەجمىددىن ئەرباقان ئۇنىۋېرسىتىتى ئىلاھىيەت پاكولتىتنىڭ مۇدىرى رامزان ئالتۇنتاشنى زىيارەت قىلدى.
زىيارەت جەريانىدا، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرى تونۇشتۇرلغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە خىتاي رېجىمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقلىرىنى تەپسىلىي ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە، قونيادا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئەھۋالى، ئۈنىۋېرستىت ئوقۇغۇچىلىرىغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش قاتارلىق بىر قىسىم مەسلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ