ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تۈركىيەدە تونۇلغان ئالىم ۋە دەۋەتچى ھەسەن باسرى بالجىنى زىيارەت قىلدى.

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-11-04 22:16:28 جەمئى 1945 قېتىم ئوقۇلغان.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تۈركىيەدە تونۇلغان ئالىم ۋە دەۋەتچى ھەسەن باسرى بالجىنى زىيارەت قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تۈركىيەدە تونۇلغان ئالىم ۋە دەۋەتچى ھەسەن باسرى بالجىنى زىيارەت قىلدى.
2018-يىلى 11-ئاينىڭ 02- كۈنى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇجات، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى باش كاتىپى ۋە ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئابدۇلئەھەد ئابدىراھمان، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى ئوقۇغۇچى ئىشلىرى مۇدىرى ۋە ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى مۇھەممەد ئۆمەر قاراجىم ۋە ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى مەھمۇدجان داموللام قاتارلىق بىر ھەيئەت تۈركىيەدە تونۇلغان ئالىم ۋە دەۋەتچى ھەسەن باسرى بالجىنى زىيارەت قىلدى.
زىيارەت جەريانىدا، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرى تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، خىتاي رېجىمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقلىرى، تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار
ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بىرىلدى. زىيارەتتە يەنە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى، تۈركىستاندىكى زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلقنى تۈرك خەلقىگە ئاڭلىتىش ۋە قونيادا ئوقۇۋاتقان قونيادا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ