<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

سىيەر ۋەخپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئۇستاز مۇھەممەت ئەمىن يىلدىرىم ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئۇچۇر سەھىپىسىدە « شەرقىي تۈركىستان ئىككىنچى ئەندەلۇس بولۇپ قېلىش ئالدىدا» دېگەن.

شەرقىي تۈركىستان ئىككىنچى ئەندەلۇس بولۇش ئالدىدا
10- سىنتەبېر دۇنيا بۈلتەنى تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، سىيەر ۋەخپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئۇستاز مۇھەممەت ئەمىن يىلدىرىم ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئۇچۇر سەھىپىسىدە « شەرقىي تۈركىستان ئىككىنچى ئەندەلۇس بولۇپ قېلىش ئالدىدا» دېگەن.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان باستۇررۇشلىرىغا دىققىتىنى بەرگەن مۇھەممەت ئەمىن يىلدىرىم يوللىغان ئۇچۇردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىككىنچى ئەندەلۇس بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ھەمدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىن قىلىش قىلمىشىغا ئىسلام ئەللىرىدىن باشلاپ خەلقئارا جەمىئىيەتنىڭ سۈكۈت قىلىشى، كۆرمەس بولىۋېلىشى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىككىنچى ئەندەلۇس بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
مۇھەممەت ئەمىن يىلدىرىم يەنە 30 مىليون نوپۇسقا ئىگە شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىچىدىن 4.5 مىليون كىشى لاگېر ياكى تۈرمىلەردە سولاقتا ئىكەنلىكىنى، يۈكسەك تەرەققى قىلغان 21- ئەسىردە خەلقئالەمنىڭ كۆز ئالدىدا بىر مىللەت قىرغىن قىلىنىشقا باشلىغانلىقىنى، بۇ خىل ئېچىنىشلىق ھالەتلەر ئالدىدا مۇسۇلمانلاردىن ھېچقانداق ئىنكاس چىقمايلا قالماي بەلكى تاماشىبىن بولۇپ قاراپ تۇرغانلىقىنى ھەمدە شەرقىي تۈركسىتان خەلىقىگە ئاللاھنىڭ چوقۇم ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ