ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقى تالان- تاراج قىلىنىدىغان تۆمۈر يولىدا قاتناش باشلاندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-01-05 09:36:49 جەمئى 3452 قېتىم ئوقۇلغان.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقى تالان- تاراج قىلىنىدىغان تۆمۈر يولىدا قاتناش باشلاندى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقى تالان- تاراج قىلىنىدىغان تۆمۈر يولىدا قاتناش باشلاندى
4- يانۋار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇۋانى بولغان شىنجاڭ گېزىتى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلان –تالان قىلىدىغان تۆمۈر يولى 3‏-يانۋاردىن باشلاپ قاتناش باشلانغان.

خەۋەردە، مەزكۇر تۆمۈر يول قۇمۇلنىڭ ئاراتۈرك ناھىيىسىدىن گەنسۇنىڭ خوڭچىڭخې پويىز بېكىتىگە قەدەر قاتنايدىغانلىقى، ئۇزۇنلۇقى 435 كىلومېتىر بولغان تۆمۈر يول لىنىيەسىدە مەخسۇس شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر بايلىقى بۇلان- تالان قىلىنىدىغانلىقى، 3‏-يانۋار كۈنى تۈنجى بولۇپ 3700 توننا كۆمۈر بېسىلغان يۈك پويىزى قۇمۇلنىڭ ئاراتۈرك نوم دېگەن يېرىدىن گەنسۇغا قاراپ يولغا چىققانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە، گۇاڭخۇي ئېنېرگىيە ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى ئاراتۈرك-خوڭچىڭخې تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئېلىپ، مەزكۇر قۇرۇلۇشقا 10 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغانلىقى، مەزكۇر تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىدا 2012‏-يىلى ئىش باشلانغانلىقى، مەزكۇر تۆمۈريول شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر بايلىقىنى بولان – تالان قىلىپ ئىچكى موڭغۇل، بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق شەھەرلەرگە ئېلىپ كېتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ