ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلار مەسىلىسى ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىدا كۈنتەرتىپكە كەلمەكتە

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-07-05 20:27:10 جەمئى 1220 قېتىم ئوقۇلغان.

شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلار مەسىلىسى ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىدا كۈنتەرتىپكە كەلمەكتە

شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلار مەسىلىسى ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىدا كۈنتەرتىپكە كەلمەكتە
4- ئىيۇل ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلار مەسىلىسى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ رەسمىي كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىسىغا ئايلانغان.

6-ئاينىڭ 26-كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «تەھدىت ئاستىدىكى ئىنسانلار: يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئازابلانماقتا» ناملىق يىغىندا خىتاي ھازىرغىچە ئوچۇق ئېتىراپ قىلمىغان «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» مەسىلىسى تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇندىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرىمۇ لاگېرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان.
9-ئىيۇل «36-نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگى» دىمۇ بۇ مەسىلە تىلغا ئېلىنىش پىلانلانغان.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ بىريۇسسېلدا ئېچىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى يېغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، يېغىندا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە تەكلىپ ۋە دوكلات سۇنىدىكەن. د ئۇ ق رەئىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىغىندا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي دىيالوگدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش تەلەپ قىلىنىدىكەن ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى زۆرۈر بولغان پاكىتلار بىلەن تەمىنلەيدىكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ