ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستاندىكى كونترول قىلىش سىياسىتى خىتاي ئۆلكىلىرىدىمۇ باشلاندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-02-07 12:02:16 جەمئى 2860 قېتىم ئوقۇلغان.

شەرقىي تۈركىستاندىكى كونترول قىلىش سىياسىتى خىتاي ئۆلكىلىرىدىمۇ باشلاندى

شەرقىي تۈركىستاندىكى كونترول قىلىش سىياسىتى خىتاي ئۆلكىلىرىدىمۇ باشلاندى
زىمىستان تورىنىڭ 7-فېۋرال بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن قاتتىق كونترول قىلىش سىياسىتىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىمۇ يۈرگۈزۈشكە باشلىغان.
خەۋەردە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ يېقىندىن بېرى خىتاي پۇقرالارنىڭ چېگرادىن چىقىشىنى قاتتىق كونترول قىلىپلا قالماي، بەلكى ئاساسىي قاتلامدىكى ئوقۇتقۇچى ۋە دوختۇرلارنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى تارقاتقانلىقى، ھەرقايسى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ چېگرادىن چىقىشنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتكەنلىكى، ئوقۇتقۇچى ۋە دوختۇرلارنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋېلىش سىياسىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى 10-ئايدىن باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئۆتكەن يىلى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئاتالمىش نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر قايسى مەكتەپ مۇدىرلىرى، مەكتەپ مەسئۇللىرى، ناھىيە دەرىجىلىك ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە بالىلار يەسلىسى مەسئۇللىرىنىڭ پاسپورتلىرىنى بىر تۇتاش ساقلاش ئۈچۈن ئىدارە رەھبەرلىكىگە تاپشۇرۇشىنى، شەخسىي ئىشلار بىلەن چەتئەلگە چىقىشقا بولمايدىغانلىقىنى، بۇ تۈردىكى رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش خىزمىتىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ