ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىلەر ۋەيران بولماقتا

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىلەر ۋەيران بولماقتا
10- ئۆكتەبىر زىمىستان تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، يېقىندىن بىرى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىپ ئائىلىلەرنى ئاپەت خاراكتىرلىك ۋەيران قىلغان.
خەۋەردە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامغا قارشى سىياسىي ھەرىكەت قوزغاپ نەچچە مىليون ئائىلىگە تولدۇرغىلى بولمايدىغان ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
مۇھەممەد بىلەن سەمەت ئاكا- ئۇكا ئىلگىرى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇش مەزگىلىدە ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرگە قۇرئان ئوقۇغان. بۇ يىل 4- ئايدا خىتاي ساقچىلىرى ئۇلارنى« دىنى ئەسەبىي تەشكىلاتقا قاتناشقان » دېگەن تۆھمەت بىلەن قولغا ئېلىپ 10 يىل كەسكەن. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئىككى ئاكا- ئۇكىنىڭ دادىسىنى بالىلىرى سەۋەبلىك ئىشتىن قوغلاش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، ئۇنى ھەر كۈنى مەھەللىدىكى سىياسى ئۆگىنىش لاگېرىغا تۇتقۇن قىلغان. ئۇلارنىڭ دادىسىنى لاگېر ئىچىدە باشقىلارنىڭ ئالدىدا «بالىلىرىمنى ياخشى تەربىيە قىلماپتىمەن» دېگەندەك تەكشۈرۈشنامە ئوقۇشقا مەجبۇرلاپ ھاقارەت قىلغان ھەمدە كەنت ئەمەلدارلىرى كۆزىگە كىرىۋالغانلىقى سەۋەبىدىن ئەسەبىيلىك كېسلىگە مۇپتىلا بولغان.
ئۇندىن باشقا چۆچەك شەھىرىدە تۇرۇشلۇق دەم ئېلىشقا چىققان كادىر ئىبراھىم ( ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) دىنى ئېتىقادىدا چىڭ تۇرغانلىقى سەۋەبتىن، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇنى لاگېرغا تۇتقۇن قىلغان. ئائىلىسدىكى ئۆزۈندىن بېرى كېسەلگە مۇپتىلا بولغان ئوغلىغا قارىغىلى ئادەم بولمىغانلىقتىن كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، ئۇزاق ئۆتمەي ئالەمدىن ئۆتكەن. لاگېردا تۇرۇپ بالىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغان دادا بالىسىنىڭ مېيىتىنى ئۇزىتىشقا قاتنىشالمىغاندىن سىرىت لاگېردىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان چەكلىمىلەر سەۋەبىدىن ھەتتا بالىسنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئامۇ قىلالمىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ