ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستاندا ھالال يېمەك يېيىشمۇ دىنىي ئەسەبىيلىك سانالماقتا

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-06 12:13:02 جەمئى 2221 قېتىم ئوقۇلغان.

مۇسۇلمانچە تاماق دەپ ئايرىشنىڭ ئۇيغۇر ۋە خىتايلارنىڭ ئارىسىغا توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن دىننى باغلىۋېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن بولۇپ، پۈتۈن خىزمەتچىلەرنىڭ لېكسىيە روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى تەلەپ قىلىنغان.

 

شەرقىي تۈركىستاندا ھالال يېمەك يېيىشمۇ دىنىي ئەسەبىيلىك سانالماقتا 

بۇنىڭدىن نەچچە كۈن بۇرۇن مارالبېشى ناھىيەسىدە باج ئىدارىسى خىزمەتچىسى يۈسۈپ رېشىتنىڭ «دوستۇم، ماڭا مۇسۇلمانچە ئاشخانا تېپىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق» دېگەن تېمىدىكى لېكسىيەسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇ لېكسىيەسىدە مۇسۇلمانچە تاماق دەپ ئايرىشنىڭ ئۇيغۇر ۋە خىتايلارنىڭ ئارىسىغا توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن دىننى باغلىۋېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن بولۇپ، پۈتۈن خىزمەتچىلەرنىڭ لېكسىيە روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى تەلەپ قىلىنغان.
يۈسۈپ رېشىتنىڭ بۇ ماقالىسى بۇندىن بۇرۇن خىتايلار ئارىسىدىمۇ قاتتىق ئالقىشقا ئېرىشكەن بولۇپ، خىتايلار مۇسۇلمانچە دەپ ئايرىشنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىكەنلىكىنى، خىتايلارنىڭ تامىقىنى يېمەسلىكنىڭ ئۇلارغا قىلىنغان بىھۆرمەتلىك ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىشقان. ھەتتا «ئۇيغۇر دوستۇم، مەن بىلەن خىتاي ئاشخانىسىدا تاماق يېيىشنى خالامسىز؟ » دېگەن تېمىدا يازمىلار ئېلان قىلىنغان ۋە قاتتىق قوللاشقا ئېرىشىپ، كۆپلەپ تارقىتىلغان.

كۈزەتكۈچىلەر، خىتاي رېجىمىنىڭ ئەمدىلىكتە يۈسۈپ رېشىتكە ئوخشاش بىر قورچاق خىزمەتچىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئارقىلىق، پۈتۈن شەرقىي تۈركسىتاندىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرىگىمۇ ئارىلىشىشقا تەمشەلگەنلىكى، ئىلگىرى يېمەكلىكلەردىكى ھالال ماركىسىنى چەكلىگەن خىتاينىڭ ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاشخانىسىدا تاماق يىيىشىنىمۇ ئەسەبىيلىك دائىرىسى ئىچىگە ئېلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى، بۇ يولسىز ئىجرائاتلارنىڭ پەقەت ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى، بەلكى بۇنىڭ پۈتۈن خەلققە قارىتىلىشىنىڭ يىراق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە. شۇنداقلا بۇ يولسىز ئىجرائاتنىڭ ئۆزىلا خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىشكە يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ