ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ھەربىر قانلىق پاجىئە خىتايدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2014-12-20 14:18:22 جەمئى 3304 قېتىم ئوقۇلغان.

ھەر قېتىم خىتاي كومپارتىيىسى ۋەزىيىتىدە بىرەر چوڭ ئۆزگرىش يۈز بەرسىلا ، ئارقىدىن بىر قانلىق پاجىئە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

يېڭى تاڭلىقلار خەۋەر تورى مۇخبىرى تاڭ دىنىڭ 7- ئاينىڭ 30 –كۈنىدىكى ماقالىسى

ئەسكەرتىش : بۇ ماقالىدە  ئوتتۇرغا قويۇلغىنى ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز قارشى بولۇپ ، تور بېتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز .  ئۆزىنى بىلگەن ئاقىل بىلۇر ، ئۆزگىنى بىلگەن قابىل بولۇر .

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا پىدائىيلىق ھەرىكەتلىرى كۆپىيىشكە باشلىدى . بولۇپمۇ بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ قېتىم سانى ۋە كۆلىمىدە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى .يەنى ، بۇ ھەرىكەتلەردە بىۋاستە قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى بارغانسىرى كۆپەيدى . نەچچە كۈن بۇرۇن يۈز بەرگەن يەكەن پىدائىيلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىمۇ ، خىتاي تاراتقۇلىرى ئوننەچچە ئادەمنىڭ ئۆلۈپ ، 31 ئاپتوموبىلنىڭ كۆيدۈرۋېتىلگەنلىكى ياكى ئۇرۇپ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلىشتى . غەلىتە يېرى شۇكى ، بۇ ۋەقە دەل خىتاي كومپارتىيىسى ساىق مەركىزى سىياسىي – قانۇن سېكرىتارى جوۋ يوڭكاڭنى دىلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن يۈز بەردى . بۇ بىرنەچچە يىلدا خىتايدا يۈز بەر گەن قانلىق ۋەقەلەرگە نەزەر سالىدىغان بولساق  شۇنى بايقايمىزكى ،  ھەر قېتىم خىتاي كومپارتىيىسى ۋەزىيىتىدە بىرەر چوڭ ئۆزگرىش يۈز بەرسىلا ، ئارقىدىن بىر قانلىق پاجىئە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇا ئاگېنېتلىقى 7 – ئاينىڭ 29 –كۈنى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جەنۇبىدىكى يەكەن ناھىيىسىدە قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە ، بىر توپ پىچاق پالتىلار بىلەن قوراللانغان كىشىلەر يەكەن ناھىيە ئېلىشقۇ بازارلىق ھۆكۈمەت ۋە ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ ، يەنە بىر قىسمى قوشنا بازارغا بېرىپ  ھۇجۇم قوزغىغان . ۋەقەدە ئوننەچچە ئادەم ئۆلۈپ ، 31 ئاپتوموبىل ئۇرۇپ چېقىۋېتىلگەن ياكى كۆيدۈرىۋېتىلگەن . ئوننەچچە پىدائىي نەخ مەيداندا ئېتىۋېتىلگەن .

خەۋەردە يەنە ، بۇ بىر قېتىملىق تەشكىللىك ۋە پىلانلىق ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت دەپ ئېلان قىلىندى .

يەكەن ۋەقەسىنىڭ ئىككىنچى كۈنى (7 – ئاينىڭ 29 - كۈنى ) بېيجىڭ دائىرىلىرى جوۋ يوڭكاڭغا دىلو تۇرغۇزۇپ تەكشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى .

تاساددىپىيلىق

يېقىندىن بۇيان خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان بىر قاتار قانلىق ۋەقەلەرنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق سىرتقى دۇنيا شۇنداق بىر غەلىتە ئەھۋالنى بايقىدى : خىتايدىكى ھەربىر قانلىق ۋەقە خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي ۋەزىيىتىدە بىرەر چوڭ ئۆزگىرىش بولغان ياكى ئۆزگىرىش بولاي دەپ تۇرغاندا يۈز بەرگەن . شۇ سەۋەبتىن خىتاي سىرتىدا بۇ قانلىق ۋەقەلەر خىتاي كومپارتىيىسدىكى سىياسىي داۋالغۇشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىدۇ ، دېگەن بىر جامائەت پىكرى شەكىللەندى . يەنى خىتاي  كوممۇنىست ھاكىمىيىتىدىكى ھالاكەتكە يېقىنلاشقان بىر گوروھ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىق ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ ، قۇتراتقۇلۇق قىلىش ۋە زىددىيەتنى ئۇلغايتىش ئارقىلىق قانلىق ۋەقە تۇغدۇرۇپ ، بۇ ئارقىلىق بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ چوڭ كاتتىۋاشنى يېقىتىش   ھەرىكىتىگە قارشىلىق قىلىش ۋە تەھدىد شەكىللەندۈرش  مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان .

  1. 1.                 كۈنمىڭ ۋەقەسى ۋە خىتاينىڭ ئىككى يىغىنى

بۇ يىل خىتاينىڭ ئىككى يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن ، چىگرا سىرتىدا بېيجىڭ دائىرىلىرى ئىككى يىغىندا جوۋ يوڭكاڭغا دىلو تۇرغۇزۇپ  تەكشۈرۈش قارارىنى  رەسمىي  ئېلان قىلىشى مۇمكىن ، دېگەن بىر جامائەت پىكرى شەكىللەندى.

 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ، خىتاي ئككى يىغىن ھارپىسىدا  كۈنمىڭ ۋگىزالىدا ئادەم چاناش ۋەقەسى يۈز بەردى . بىر توپ ئوخشاش كىيىنگەن ، نىقابلىنىۋالغان پىچاقلىق كىشىلەر ۋوگزال مەيدانى ۋە بىلەت سېتىش زالىدا 29 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە 143 ئادەمنىڭ يارلىنىشىدەك ئېغىر ۋەقە سادىر قىلدى .

ئەينى ۋاقتتا خىتايدىكى بەزى تور بىكەتلەردە بۇ ۋەقە شى جىنپىڭنىڭ  چوڭ كاتتىباش نى يېقىتىشقا ھەرىكەت قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، دېگەن تەھلىلەر ئوتتۇرغا چىقتى . بەزىلەر توردا مۇنداق ئنكاس قالدۇردى : ئۇلارنىڭ ئوخشاش كىيىنىشى نىمىنى بىلدۈرىدۇ ؟  ئىنىقكى ، بۇنى كاتتىباش تەشكىللىگەن ،ئۇ بۇ ئارقىلىق سەن ماڭا چېقىلىشقا پېتىنىدىكەنسەن ، مەنمۇ سېنىڭ يولۇڭغا چوماق قويالايمەن ، دېگەننى بىلدۈرمەكچى .

ئارقىدىنلا ،  خەۋەردار ئەربابلار خىتاي سىرتىدىكى مۇستەقىل ئاخبارات ۋاستىسى بولغان داجىيۈەن گە ئاشكارىلاپ ، كۈنمىڭ ۋەقەسى بولسا جياڭ زېمىن گوروھىدىكىلەر تەرىپىدىن پىلانلانغان  دېيىشتى . ئۇلارنىڭ  ئېيتىشىچە ،  جياڭ گوروھىدىكىلەر ئەسلى تۆت شەھەردە ۋەقە تۇغدۇرۇشنى پىلانلىغان ،  ۋە بۇ ئارقىلىق  جەمىئەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ۋە  ۋەھىمە پەيدا قىلىپ  ، شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى ھاكىمىيەتنىڭ دۆلەت باشقۇرۇشتا ئىقتىدارسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ ئۇنى ھاكىمىيەت بېشىدىن چۈشۈشكە قىستىماقچى بولغان ، لېكىن ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ پىلان پەقەت كۈنمىڭدىلا ئەمەلگە ئاشقان .  جياڭ زېمىن گوروھىدىكى جوۋ يوڭكاڭنىڭ سىياسىي ئىتتىپاقدېشى بولغان زېڭ چېڭخوڭ بۇ  ۋەقەنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى باش پىلانلىغۇچىسى دەپ قارالغان .

مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما :

http://www.ntdtv.com/xtr/gb/2014/07/30/a1126574.html

 

داۋامى بار 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ