ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستاندا لاگېرنىڭ كۆپەيتىلىۋاتقانلىقى ئىسپاتلاندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-08-08 11:20:34 جەمئى 17552 قېتىم ئوقۇلغان.

شەرقىي تۈركىستاندا لاگېرنىڭ كۆپەيتىلىۋاتقانلىقى ئىسپاتلاندى

شەرقىي تۈركىستاندا لاگېرنىڭ كۆپەيتىلىۋاتقانلىقى ئىسپاتلاندى
8- ئاۋغۇست BITTER WINTER تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش « تەربىيىلەش لاگېرى»نى كۆپەيتىشكە باشلىغانلىقى ئىسپاتلاندى.
لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغان ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىندا شەرقىي تۈركسىتان قۇمۇل شەھىرىنىڭ شىگوبى يېزىسىدىكى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنى لاگېرىغا ئۆزگەرتكەن. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي لاگېرى توشۇپ كېتىپ لاگېردا قامالغانلارنى يېڭى سېلىنغان لاگېرغا يۆتكەشكەن باشلىغان.
خەۋەردە قۇمۇل شەھىرىدىكى مەلۇم «تەربىيىلەش لاگېرى»نىڭ دەرۋازىسىغا « ئەرزىيەت ۋە قانۇنچىلىق تەربىيىلەش مەركىزى»دەپ يېزىلغان تاختاي ئېسىلغانلىقىنى، مەزكۇر لاگېرنىڭ ئەتراپى قاتتىق قوغدىلىۋاتقانلىقىنى، 2017- يىلى ئالدىنقى يېرىم يىلدا لاگېرغا قامالغانلارنىڭ ئاساسەن ئەرلەرنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى، كېيىنكى يېرىم يىلدا بولسا ئاياللارنى سولاشقا باشلىغانلىقىنى، لاگېر ئەتراپىدىكى خەلق دائىم ئاياللارنىڭ قىزىل ناخشىلارنى ئېيتقان ئاۋازنى ئاڭلايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خەۋەردە يەنە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان قۇمۇل شەھەر ئاھالىسى مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: «يىجۇ رايونىدىكى 13- دىۋىزىيە قاماقخانىسى لاگېر قىلىپ ئۆزگەرتىلىشكە باشلىدى. يىجۇ رايونىدا يەنە « كەسپىي تېخنىكا تەربىيىلەش مەركىزى » دەپ تاختاي ئاسقان بىر كىچىك كۆلەمدىكى لاگېر بار. ئۇنىڭغا قامالغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ