ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستاندا كوپىراتسىيىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشقا باشلىغانلىقى ئاشكارىلاندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-01-09 11:39:09 جەمئى 1999 قېتىم ئوقۇلغان.

شەرقىي تۈركىستاندا كوپىراتسىيىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشقا باشلىغانلىقى ئاشكارىلاندى

شەرقىي تۈركىستاندا كوپىراتسىيىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشقا باشلىغانلىقى ئاشكارىلاندى
8- يانۋار ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر شاھىد ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەندىن ئىگىلىگەن يېڭى ئۇچۇرلارنى ئىستىقلال بۆلۈمىمىزگە يەتكۈزۈپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېڭى يىل كىرىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا كوپىراتسىيىنى قايتىدىن قۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: خىتاي 1956- يىللىرى نامرات دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى «يەر ئىسلاھاتى »نامى بىلەن تارتىۋالغان بولسا، بايلارنى «پومىشچىك» دېگەن تۆھمەت بىلەن بۇلان- تالان قىلغان ئىدى. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ھازىر ئاتالمىش « دېھقانلارنى بېيىتىمىز، 2022 يىلىغىچە نامرات قالمايدۇ » دېگەن چىرايلىق نام ئاستىدا دېھقانلارنىڭ بىر مو يىرىگە 800 يۈەن خىتاي پۇلى بېرىپ يەرلىرىنى مەجبۇرى تارتىۋېلىشقا باشلدى. تارتىۋېلىنغان يەرلەرنى كەنىتتىكى بىرەر ئاكتىپقا بىرىمىز دەيدۇ. ئېچىنىشلىق بولغىنى مەجبۇرى تارتىۋالغان بىر مو يەرنىڭ سۇ پۇلى، ئوتاش پۇلى، تېرىش پۇلى قاتارلىق چىقىملىرىنى 1200 يۈەن ھېسابلاپ يەر ئىگىلىرىدىن ئالىدىكەن. ئۇنداق بولغاندا خەلقنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋېلىپ بەرگەن 800 يۈەن خىتاي پولى يەرنىڭ يىللىق چىقىمىغا يەتمەيلا قالماستىن يەر ئىگىلىرىدىن يەرنى تارتىۋالغاننى ئاز دەپ 400 يۈەن پۇل ئالدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
شاھىد يەنە ئاشكارىلاپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كەنتتىكى بارلىق قويلارنى بىر ئادەمگە، كالىلارنى بىر ئادەمگە مەجبۇرى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىمىزنى ئۇقتۇردى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ