ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركسىتان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى ياپونىيىدە بىر قاتار پائالىيەتلەردە بولدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-08-10 16:33:30 جەمئى 3080 قېتىم ئوقۇلغان.

شەرقىي تۈركسىتان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى ياپونىيىدە بىر قاتار پائالىيەتلەردە بولدى

شەرقىي تۈركسىتان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى ياپونىيىدە بىر قاتار پائالىيەتلەردە بولدى

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى پرىزدېنتى ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىم بۇ يىل 8. ئايدىن باشلاپ ياپونىيىدە بىر قاتار پائالىيەتلەردە بولماقتا.
8-ئايدىكى ياپونىيە سەپىرىدە پرېزىدېنت ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھىروشىما، فۇكۇئوكا، ناگاساكى ئۆلكىلىرىدە شۇنداقلا ياپونىيە پايتەختى توكيودا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە جازا لاگىرلىرى ھەققىدە ياپونىيە خەلقىگە ۋە ھۆكۈمىتىگە نۇتۇق سۆزلەيدۇ ۋە رەسمىي ئىلتىماس سۇنىدۇ.
8-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىنىڭ ھىروشىما يەرلىك پارلامېنت ئەزالىرىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە مۇستەقىللىق توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى.
8-ئاينىڭ 6-كۈنى ياپونىيە ھىروشىمادىكى ئاتوم بومبىسى خاتىرە كۈنى مۇراسىمىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى، يىغىنغا ياپونىيە باش مىنىستېرى شىنزو ئابې ۋە باشقا دۆلەت رەھبەرلىرىمۇ قاتناشتى.
پرېزىدېنت ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندى مۇراسىمدىن كېيىنكى چوڭ يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا ياپونىيە خەلقىگە نۇتۇق سۆزلىدى.
ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىم يەنە تۆنۈگۈن ناگاساكى ئۇنىۋېرسىتىدا ئوقۇغۇچىلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە مۇستەقىللىق توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى.
شەرقىي تۈركسىتان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى يەنە توكيودا 8 - ئاينىڭ 10-11-12-كۈنلىرى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئاچماقچى .


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ