ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى ھەيئىتى شىۋېتسىيىگە يېتىپ كەلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-08 18:44:30 جەمئى 3634 قېتىم ئوقۇلغان.

شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بەش كىشىلىك بىر ھەيئەت شىۋېتسىيىگە يېتىپ كەلدى

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدا ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ پەتىۋا بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى دوكتۇر ئالىمجان بۇغدا، مالىيە بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى نىزامىدىن تەمكىنى، مۇئاۋىن رەئىس ۋە گىرمانىيە ۋەكىلى تۇرغۇنجان ئالاۋدۇن، مۇئاۋىن رەئىس ۋە شۇنداقلار فىنلاندىيە ۋەكىلى دوكتۇر مۇھەممەد ئەلى قارى قاتارلىق بەش كىشىلىك بىر ھەيئەت 07- سىنتەبىر جۈمە كۈنى ئەتىگەن شىۋېتسىيىگە يېتىپ كەلدى. مېھمانلار ھاردۇق چېيى ئىچكەندىن كېيىن سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتىگە بېرىپ شىۋېتسىيىدىكى جامامەت بىلەن بىرگە جۈمە نامىزىنى ئوقۇدى. 
بۈگۈنكى جۈمە خۇتبىسىنى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئاتاۋۇللاھ شاھيار ئوقۇغان بولۇپ، ئۇ (ئاللاھقا ساداقەت بۇلۇش) توغرىسىدا خۇتبە سۆزلىدى.
شاھيار خۇتبىسىدا، ئاللاھنى بىر دەپ تونۇغاندىن كېيىن بارلىق ئىبادەتلەرنى ئاللاھقا ساداقەتلىك بىلەن قىلىشنى چۆرىدىگەن ھالدا خۇتبىسىنى داۋاملاشتۇردى. 
مەلۇم بۇلۇشىچە: شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ بۇ قېتىمقى ياۋروپا زىيارىتى، 2018- يىلى 09- ئاينىڭ 05- كۈنىدىن 09- ئاينىڭ 16- كۈنىگىچە بولۇپ، بۇ ئارلىقتا ياۋروپادا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىدىكەن.  
مەلۇم بۇلۇشىچە، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئىككىنچى بېكىتى بولغان شىۋېتسىيىدە، 2018- يىلى 08- سىنتەبىر شەنبە كۈنى سائەت 12:00 دە، شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن ئۇچرىشىش سۆھبىتى ئېلىپ بارىدىكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ