ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-15 13:10:54 جەمئى 4376 قېتىم ئوقۇلغان.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ھالال-ھارامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە مۇسۇلمانلارنى توڭگۇز گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاش جىنايەتلىرىگە قارشى بايانات ئېلان قىلدى

 

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ھالال-ھارامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋەمۇسۇلمانلارنى توڭگۇز گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاش جىنايەتلىرىگە قارشى بايانات ئېلان قىلدى

باياناتنىڭ مەزمۇنى:

ئاللاھقا چەكسىز مەدھىيىلەر، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن.

 مەلۇمكى، شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەملىكىچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقىمىز ئۈستىدىكى زۇلۇملىرى داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، يېقىنقى بىرقانچە يىل ئىچىدە بۇ زۇلۇملار ھەسسىلەپ ئېشىپ، ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە ئېغىرلىشىپ كەتكەن. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىكى زۇلۇم دىنىي ۋە مىللىي ئاسسىمىلياتسىيەدىن ھالقىپ ئىسلام دىنىغا قارشى جەڭ ئېلان قىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەن.

2017- يىلنىڭ بېشىدىلا ئېغىرلاشقان بۇ زۇلۇم شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىپ يوق قىلىۋېتىش پىلانلىق سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، خىتاي ھاكىمىيىتى 3 مىليونغا يېقىن بىگۇناھ خەلقىمىزنى جازا لاگېرلىرىدا يوق قىلىۋېتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دىنىي، مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش يولىدا ناماز، روزا، زاكات، ھەج ئىبادەتلىرىنى چەكلىگەندىن تاشقىرى ئون مىڭلىغان مەسچىتنى يىقىپ تاشلاش، يىقىۋەتمەي قالغانلىرىنى ھاراق-شاراپ ئىچىدىغان كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرىغا ئايلاندۇرۇشتەك جىنايەتلەر خىلمۇخىل تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىۋاتىدۇ. ساقال ۋە ھىجابلارنى چەكلەپ ساقال قويغان، ھىجاب كىيگەن ئاياللارنى تەلتۆكۈس يوق قىلىپ بولغاندىن كېيىن، يېقىندىن بۇيان ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا مۇسۇلمان قىزلىرىمىزنى دىنسىز، كاپىر خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ.

 خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى يەنىمۇ ۋەھشىيلىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ھالال يېمەك-ئىچمەكنى چەكلەش سىياسىتى يولغا قويغان بولۇپ، مۇسۇلمانلارغا ئىسلام دىنى كەسكىن ھارام قىلغان توڭگۇز گۆشىنى يېيىشكە مەجبۇرلىغانلىقى دۇنيا تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ تارقىلىشقا باشلىدى. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى جەڭ ئېلان قىلغانلىق بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى خىتاينىڭ بۇ ۋەھشىيانە جىنايىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ.

خەلقىمىزنى بۇ زۇلۇمغا باش ئەگمەستىن ئېتىقادى ۋە ئىمانىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا سابىت قەدەم (مۇستەھكەم) تۇرۇشقا چاقىرىدۇ.

 خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانىيەتكە ۋە ئىسلامغا قارشى سادىر قىلىۋاتقان ۋەھشىيانە جىنايەتلىرىگە قارشى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆز يۇمۇپ سۈكۈت قىلىشى، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ، ئۆلىمالارنىڭ، دىنىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ قورقۇنچاقلىق بىلەن بۇنداق سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى ۋە شۇنىڭدەك مۇسۇلمانلارغا ۋەكىللىك قىلىمىز دەيدىغان تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن بولۇۋاتقان بۇ زۇلۇملارنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللىتىش ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىدۇ. ئاللاھقا ئىمانى بار، دىنىغا ساداقىتى بار، ئىنسانلىق ۋىجدانى بار ھەربىر شەخستىن بارلىق مەيدانلاردا خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىشىنى جىددىي تەلەپ قىلىدۇ.

ھۆرمەت بىلەن:

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى- ئىستانبۇل


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ