ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسىنى زىيارەت قىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-08-10 09:20:45 جەمئى 2761 قېتىم ئوقۇلغان.

شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسىنى زىيارەت قىلدى

شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسىنى زىيارەت قىلدى

8- ئاۋغۇست شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار ۋە مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىزى باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسىنى زىيارەت قىلدى.

 زىيارەت جەريانىدا، دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتۇر سەلىم ئارگون، دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسى رادىئو تىلېۋىزىيە بۆلۈمى باشلىقى مۇستاپا چۇھادار، تەلىم تەربىيە بۆلۈمى مەسئۇلى سۇئات ئوقۇيان، تۈركىيە دىيانەت ۋەخپىنىڭ باش مۇدىرى مۇھەممەد ساۋاش پولات، ستراتېگىيە ۋە تەتقىقات بۆلۈمى مۇدىرى زەلىھا ساغلام خانىم قاتارلىق مەسئۇللارنى ئايرىم-ئايرىم زىيارەت قىلدى.

زىيارەت جەريانىدا شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى تونۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى. زىيارەت جەريانىدا يەنە، تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، خەلقئارالىق ئىمام خەتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ئۈنىۋېرستىتلىرىنىڭ ئىسلام بىلىملىرى پاكولتىتىدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ياتاق ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى تەلەپ قىلىش، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈركىيەدە  ئوقۇش ئارزۇسى بولغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى خەلقئارالىق ئىمام خەتىپ مەكتەپلىرىگە  قۇبۇل قىلىش ئىشلىرىدا ھەمكارلىشىش، تۈركىيە دىيانەت باشقارمىسى نەشرىياتى ۋە دىيانەت رادىئو تىلىۋىزىيەسى بىلەن دەۋەت ۋە تەشۋىقات ساھەلىرىدە ئۆز- ئارا ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت بىر قانچە تۈرلۈك مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ