ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركسىتاندا يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك سىگنالى ئېلان قىلىندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-07-13 16:35:27 جەمئى 5878 قېتىم ئوقۇلغان.

شەرقىي تۈركسىتاندا يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك سىگنالى ئېلان قىلىندى

 

12- ئىيۇل ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا  تۇنجى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك سىگنالى ئېلان قىلىندى

مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى بۇ يىل ياز كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك سىگنالىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، 7-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 8 دىن 7-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 8 گىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆپ جايلاردا ℃ 35 تىن يۇقىرى بولغان ھاۋارايى كۆرۈلگەن.

   مۆلچەرلىنىشىچە، 7-ئاينىڭ 11-كۈنى كۈندۈزدە بورتالا ئوبلاستىنىڭ شەرقى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى ئوبلاستىنىڭ غەربى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ شەرقى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ جەنۇبى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃ 40 تىن ئاشقان.

   7-ئاينىڭ 12-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە، قاراماي شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبى، شىخەنزە شەھىرى، بايىنغولىن ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبى قاتارلىق جايلاردا ℃35 ئاشىدىغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، قىسمەن رايونلاردا تېمپېراتۇرا ℃ 37تىن ئاشىدىكەن، تۇرپان شەھىرىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃40 تىن ئېشىپ كەتكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ