ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستان ئۆلكىسى، تۈرك دۇنياسىنىڭ شەرق تەرپىنىڭ تۆگەنجىسى دېگەن بولمايدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا

مۇھەررىردىن: بۇ ماقالە مەرھۇم يولباشچىمىز مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ 1963 ـ يىلى 4 - ئاينىڭ 13 ـ كۈنى تۈرك ئوچاقلىرىدا[1] تۈرك ئالىملىرى ئالدىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئىلمىي لىكسىيىسى بولۇپ، شۇ يىلقى شېپىگىراپ باسمىسىغا ئاساسەن نەشىرگە تەييارلاندى. ماقالىدىكى سان ـ سىفىرلار بۇنىڭدىن 37 يىل بۇرۇنقى سان ـ سىفىرلار دىن ئىبارەت بولسىمۇ، ماقالە بۈگۈنمۇ يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە.

مۆھتەرەم ئەپەندىلەر! بۈيۈك تۈركىستاننىڭ شەرق قىسمىنى تەشكىل قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئۆلكىسى، تۈرك دۇنياسىنىڭ شەرق تەرپىنىڭ تۆگەنجىسى دېگەن بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭمۇ شەرقىدە، چىن ئىچىدە ۋەسىبىرىيەنىڭ شەرقىدە يەنە بىر مۇنجە تۈرك قەبىلىلىرى ياشىماقتا.

تۈركىيەدىن بەك ئۇزاق مۇساپىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيىلىك يارىتىلىشىدا تەبىئىي توسالغۇلار بىلەن دۇنيادىن يىراق بولۇشى ۋە بىر ئەسىرگە يېقىن زاماندىن بىرى سىياسىي جەھەتتىن بەخىتسىزلىككە مۇپتىلا بولۇشى بىلەن تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتىنىڭ سىرتىدا قالماقتا ۋە ئۇلارنىڭ بۇ يولدىكى ئىلمىي ئېھتىياجلىرىنى تەمىن قىلىش ئۈچۈن توغرا ياكى خاتا مەلۇمات بەرگەن يات مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ كەلگەنلىكلىرى، ئەمما قانائەت ھاسىل قىلالمىغانلىقلىرى مەلۇم بولماقتا. بۇ يۈزدىن، بۇ ۋەتەننىڭ بىر پەرزەنتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھاياتىم بويىچە يېقىندىن قىلغان تەتقىق ۋە تەھقىقلىرىم ئىچىدىن بەزى خۇلاسىلەرنى ھۇزۇرۇڭىزلارغا سۇنماقچىمەن. بۇ ۋەسىلە بىلەن تۈرك زىيالىلىرىغا بىر سوۋغا تەقدىم قىلالىسام ئۆزۈمنى بەخىتلىك ھېساپلايمەن. بۇ ماقالەم تۆۋەندىكى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ:

1) جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرى،

2) قىسقىچە تارىخى،

3) كېيىنكى ئىككى ئەسىر ئىچىدىكى مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى.

 جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرى 

1) شىمال، غەرب ۋە جەنۇب تەرەپلىرىدىكى قوشنىلىرى بولغان غەربىي تۈركىستان، ئافغانىستان، كەشمىر ۋە تىبەتتىن دۇنيانىڭ ئەڭ ئېگىز ۋە ئەڭ كەڭ تاغ تىزمىلىرى بىلەن، يۈزلەرچە كىلومېتىرلىق تەبىئىي توسالغۇلار بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. شەرق تەرىپىدە چىن ۋە موڭغۇلىستاندىن 500 كىلومىتىرلىق كەڭ بىر چۆل بىلەن ئايرىلىدۇ. دېمەك، شەرقىي تۈركىستان ھېچبىر تۇتاش قوشىنىسى بولمىغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىسىدۇر.

ب) 1.600.000 چاسا كىلومىتىر كەڭلىكتە بولغان بۇ ئۆلكىنىڭ ئاران ئۈچتىن بىرىدە ئىنسان ياشىماقت
  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ