ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستان بارىن ئىنقىلاۋىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرلەيمىز

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2010-12-28 14:49:28 جەمئى 8166 قېتىم ئوقۇلغان.

بارىندا 500 مۇجاھىد 22454 ئەسكەر بىلەن 5 كېچە ‏- كۈندۈز ئۇرۇش قىلغان. 19 مىڭ نوپۇسى بولغان بارىن خەلقىنى 22454 ئەسكەر مۇھاسىرگە ئالغان،
بۇ ماقالىنى بايتاش تەييارلىدى

 بارىندا 500 مۇجاھىد 22454 ئەسكەر بىلەن 5 كېچە ‏- كۈندۈز ئۇرۇش قىلغان. 19 مىڭ نوپۇسى بولغان بارىن خەلقىنى 22454 ئەسكەر مۇھاسىرگە ئالغان، يەنى بارىندا بىر كىشىگە بىردىن ئارتۇق ئەسكەر توغرا كەلگەن.

 

بارىن  يېزىسى ئاقتۇ بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، يېزا مەركىزى ناھىيە بازىرىدىن 17 كىلومېتىر يىراق. يەر مەيدانى 1087 كۇۋادىرات كىلومېتىر 1990 - يىلىقى نۇپۇسى 19 مىڭ 650 بولۇپ قىزىلسۇ ئوبلاستىغا قارايدۇ.

 بۇ يېزىدا 1990 ‏- يىلى 4 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازاتلىق، مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى تونۇتقان بارىن ئىنقىلابى يۈز بەردى.

 بارىن يېزىسىدا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان 1950 ‏- يىلدىن بىرى، خىتايغا قارشى 4 قېتىم چوڭ ھەرىكەت بولغان. بۇنىڭ بىرىنچىسى 1950 ‏- يىلى 7 ‏- ئايدا شۇ يېزىنىڭ مۇ`ئاۋىن باشلىقى ھېكىم تاش دېگەن كىشىنىڭ قۇماندانلىق قىلىشى بىلەن قارشىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان ۋە ھېكىم تاش تۇتقۇن قىلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. ئىككىنجى قېتىم ، 1969 ‏- يىلى 8 ‏- ئاينىڭ 16 ‏- كۈنى ئېزىز ئوسمان ئىسىملىك كىشى قۇماندانلىقىندا 300 كىشىدىن تەركىپ تاپقان خەلق ئاقتۇ قۇرال ئامبىرىغا بېسىپ كىرىپ نۇرغۇن قۇرالنى ئولجا ئالغان ۋە خىتايغا قارشى جىھادىي ئۇرۇش قىلغان. ئۈچۈنچى قېتىملىق ھەرىكەت، 1969 ‏- يىلى 8 ‏- ئاينىڭ 20 ‏- كۈنى مەمەت ئەيسا ئىسىملىك كىشىنىڭ قۇماندانلىقىدا 700 كىشى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ قۇراللىق جەڭ قىلغان.

 4 ‏- قېتىم بارىن يېزىسدا 1990 ‏- يىلى 4 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى مەرھۇم زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ 200 دىن ئارتۇق ئەزالىرى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، خىتايغا قارشى قۇراللىق ھەرىكەت ئېلىپ باردى. بۇ ھەرىكەت خىتاينى قاتتىق ساراسىمغا سالدى. چۈنكى بۇ قېتىمقى ھەرىكەت خىتاي 1950 ‏- يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغاندىن بىرى خىتايغا بېرىلگەن ئەجەللىك زەربە بولدى. بۇ بارىن ئىنقىلاۋى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ 200 يىلدىن بىرى خىتاي زۇلۇمىغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئازاتلىق ھەرىكەتلەرنىڭ داۋامى ئىدى.

 خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قان ئىچكەن جاللات سۇڭ خەنلىياڭ ۋەقەگە ئالاقىدار مەخپى كىتاپ تارقاتقان بولۇپ بۇ كىتابتا بارىن ئىنقىلاۋىينىڭ ھەقىقىيىتى ئاشكارا بولدى. بۇ ھۆججەتلىك ماقالىلار توپلىمىنىڭ مۇقاۋىسىغا ئىچكى ماتېرىيال سىرتقا تارقىتىلمىسۇن دەپ يېزىلغان. تۆۋەندە بىز بۇ ماقالىدا يېزىلغان بارىن ۋەقەسى ھەققىدىكى ئومۇمى جەريانى ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

 بۇ ۋەقە ھەققىدە قانخور جاللات سۇڭ خەنلياڭ مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ:

 بارىن يېزىسىدا يۈز بەرگەن ئەكسىلئىنقىلابىي قوراللىق توپىلاڭ بىر بۆلۈم ئەكسىيەتچى كىشىلەر تەرىپىدىن تەشكىللىك، پىلانلىق، مەقسەتلىك ھالدا قوزغىتىلغان. مەقسىدى: كومپارتىيىنى ئاغدۇرۇپ ئورنىغا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش. مۇشۇ مەقسەت يولىدا ئۇلار بۇ يېزىدا 1989 - يىلىدىن باشلاپ ئەزا قوبۇل قىلىپ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى رەسمى قورغان. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى دەسلەپكى يادرولۇق (رەھبەرلىك) كۈچى 8 تاپانچا كۈچى 10 كىشىدىن ئىبارەت. 1990 - يىلىنىڭ بېشىدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى جامال مۇھەممەدنىڭ ئۆيىدە 1 قېتىم «پارتىيە يىغىنى» ئېچىپ خىزمەتلەرنى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغان.

 1990 - يىل 2 - ئاينىڭ بېشىدا «ساي مەسجىد» تە 2 - قېتىم يىغىن ئاچقان. 3 ئاينىڭ 15 - كۈنى مەختە قۇشماقنىڭ ئۆيىدە 3 - قېئىتىم يىغىن ئېچىپ قورال- ياراق، ئوق دورا تەييارلاش، مەسىلىسى بىلەن ئىنتىزام مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. «مەخپىيەتلىكنى قاتتىق ساقلاش كېرەك. كىم مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويسا ئۇنى پۈتۈن ئا`ئىلىسىدىكىلەر بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرۈئىۋېتىش كېرەك......» دەپ بەلگىلىگەن. 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى «ساي مەسجىد» تە 4 - قېتىم يىغىن ئېچىپ قوراللىق ھەرىكەتنىڭ كۈنكرېت تەشكىلى ۋە ئىش تەقسىماتىنى مۇھاكىمە قىلىپ، شەخسلەر بويىچە ئېنىق ۋەزىپە تەقسىم قىلىنغان. تەشكىلات باشلىقى زەيدۇن يۈسۈپ بۇ يىغىندا «.... ناۋادا مەن ئۆلۈپ كېتىپ قالسام ئابدۇغەنى تۇرسۇن داۋاملىق قوماندانلىق قىلىدۇ....» دەپ ئالاھىدە تەۋسىيە بايان قىلغان.

 تەشكىلات يېتەكچىلىرىنىڭ كۈنكرېت ئىش تەقسىماتى تۆۋەندىكىچە:

 1 باش قوماندان زەيدۇن يۈسۈپ 26 ياش. بارىن كەنتىدىن، دېھقان. ئىلگىرى 2 قېتىم كاشغەردە مەدرستە ئوقۇغان. ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قارغىلىق، خوتەن شەھىرلىرىنى ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن 1989 - يىلى بارىن يېزىسىدا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى» قۇرۇشقا كىرىشكەن. ئەزا قوبۇل قىلغان. قورال ياراق تەييارلىغان. قاغىلىقلىق ئوبۇلقاسىم بىلەن مەخپىي ئۇچرىشىپ بارىن يېزىسىدا ئادەم تەربىيىلىگەن. كېيىن ھەرىكەتكە قۇماندانلىق قىلغان.

 2 مۇ`ئاۋىن باش قوماندان ئابدۇغەنى تۇرسۇن قوشۇمچە مالىيە باشلىقى، تۇتۇلمىغان.

 3 . جامال مۇھەممەد 28 - ياش، ھەرىكەتنىڭ 3 دەرىجىلىك باشلىقى. 89 - يىل 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى»گە كىرگەن. ھەرىكەتنى پىلانلىغان. ھەربىي جەھەتتىن قوماندانلىق قىلىشقا مەسئۇل بولغان. پا`ئال خىراجەت توپىلغان. 89 - يىل 8 - ئاينىڭ ئاخىرىدا ئويتاغ سىمونت زاۋۇتىدىن كاپسۇل، پارتلاتقۇچ دورا سېتىۋالغان. 90 - يىل 2 - ئايدا قاشىغەردە تۆمۈرچىنىڭ دۇكىنىغا يەرلىك ئۇسۇل بىلەن 200 دانە گىرانات ياساپ بېرىشنى زاكاز قىلغان ھەم ياسىتىپ بارىنغا ئۆزى ئەكەلگەن. باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ ئۆزى 100 گىرانات ياسىغان.

 4 - ئىسھاق ھۇشۇر. ھەرىكەتنىڭ ئارقا سەپ قوماندانى. ھەرىكەت ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچىگەن.

 5 - ئابدۇرەھىم تۇردى. خەۋەرلىشىش، ئالاقىلىشىش ئىشلىرىغا، يەرلىك ئۇسۇلدا گىرانات ياساشقا مەسئۇل بولغان.

 6- مۇھەممەد تۇردى. قاتناش قوراللىرىغا، ئات ئۇلاغ سېتىۋىلىشقا مەسئۇل.

 7- ئەھەد تىلىۋالدى. بارىن ھەرىكىتىنىڭ 1 - شىتابىنىڭ قوماندانى. خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قۇراللىرىنى تارتىۋېلىپ پىدا`ئىيلار ئۇرۇشىغا قاتناشقان.

 8 - تۇرغۇن ئىسھاق. بارىن ھەرىكىتى 2 - شىتاۋىنىڭ قوماندانى.

 9- مۇھەممەد تۇرسۇن. 23 ياش پىلانلىق ئاكتىپ خىزمەت قىلغان. ئۇرۇش جەرىيانىدا بىر پىلىمۇت، بىر تاپانچا، بىر يۈرۈش ساقچى كىيىمى بۇلۇۋېلىپ خىتايلارنى قاتتىق ئوققا توتقان.

 10 - سىدىق ھاجى ئىسھاق 26 ياش. 1990 - يىلى 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى»گە كىرگەن. ھۆكۈمەت ساقچىلىرىنىڭ بىر پىلىموتىنى تارتىۋالغان. يېزىلىق ھۆكۈمەت قورۇسىغا 3 گىرانات ئاتقان. خىتاينىڭ قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇرۇپ قىينىغان. بىر پىلىمۇت، بىر گىرانات بىلەن 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئۆيىدە قولغا چۈشكەن.

 11 - ئابدۇللاھ قاسىم 30 ياش. «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرىدىن، ھەرىكەت راسخوتى تەييارلاش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ، يېمەكلىك ۋە قۇرال ‏- ياراق تەييالىغان.

 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئەتتىگەن سا`ئەت 6 دە مۇجاھىد زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدا 200 نەچچە ئادەم قوللىرىغا چىراق ئېلىپ تەكشى قەدەم تاشلاپ «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاپ «غازات» قىلىش ئىرادىسىنى بىلىدۈرۈش ئۈچۈن يېزىلىق ھۆكۈمەتكە قاراپ يولغا چىققان. يېزىلىق ھۆكۈمەت دەرۋازىسى ئالدىدا بامدات نامىزى ئوقۇغان.

 زەيدىن يۈسۈپ يېزىلىق ھۆكۈمەتكە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېگەن:

 «.... ھەر قانداق ھۆكۈمەت ئادەم ئۆلتۈرگەنلەرنى ئاتىدۇ. يېزىمىزدا 250 ئايالنىڭ بالىسى چۈشۈرۋېتىلدى. (1989 - يىلى بىر يىللىق ساناق) بۇنداق قىلىش قاتىللىق ھېسابلىنامدۇ؟ ھېسابلانمامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئېتىلمايدۇ؟.... ئىچكىرىدىن ئۈرۈمچىگە ھەر 15 مىنۇتتا بىر پويىز كېلىپ تۇرىدىكەن، كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى خىتاي ، بىزئۇيغۇرلارغا پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇڭلار دېگەندىن كۆرە خىتايلارنى كەلتۈرمىسە بولمامدۇ...؟ بىز كۈرەش قىلىپ خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستاندىن قوغلاپ چىقىرىشىمىز كېرەك.... پىلانلىق تۇغۇت ئەمەلدىن قالدۇرۇلسۇن. شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي كۆچۈرۈش توختىتىلسۇن. خەلقىمىز ئۈستىدىكى سېلىق مەجبۇرىيەت يەڭگىللىتىلسۇن. خىتاي مىللەتچىلىكى تۈگىتىلسۇن، ئىزىشكە، يۇتۇۋېلىشقا، خورلۇققا قارشى تۇرىمىز. دېگەندەك تەلەپلەر سۇنغان» كېيىن يېزىلىق ھۆكۈمەتكە بېسىپ كىرىپ رەسمى ھەرىكەتنى باشلىغان.

 خىتاي بۇ ۋەقەنى باستۇرۇش ئۈچۈن دەسلەپتە ناھيىدىن 60 كادىر ئەۋەتكەن. كېيىن ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلىپ، قاشىغەردىن 62 قۇراللىق ئەسكەر ئارقىدىن يەنە 130 مۇنتىزىم ئەسكەر ئەۋەتكەن. بارىن مۇجاھىدلىرى خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن قاتتىق ئۇرۇش قىلغان ۋە خىتاي ئەسكەرلىرىدىن 14 نى يارىلاندۇرىغان. خىتاي يەنە 200 قۇراللىق ئەسكەر ئەۋەتكەن. بۇ جەرىيانىدا مۇجاھىدلارنىڭ سانىمۇ كۆپىيىپ 500 دىن ئېشىپ كەتكەن. مۇجاھىدلار يەنە بىرلا ۋاقىتتا 4 ئەسكەر ئارقىدىنلا 5 خىتاي ئەسكىرىنى ئەسىر ئېلىپ قۇراللىرىنى ئولجا ئالغان. شۇنى كۈنى كەچتە يەنە 5 خىتاي ھەربىي ئەمەلدارلىرىنى يولدا توسۇپ ئېتىپ تاشلىغان ۋە قۇراللىرىنى ئولجا ئالغان. خىتايلار مۇجاھىدلاردىن 19 كىشىنى تۇتقۇن قىلىۋالغان بولۇپ، ئۆزا ئارا ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئەمما خىتاي تەرەپ ئەسىر ئالماشتۇرۇشقا قوشۇلغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىشتىن قورقۇپ ئەسىر ئالماشتۇرمىغان.

 ئۇرۇشنىڭ ئىككىنجى كۈنى بارىن مۇجاھىدلىرىغا تەڭ كېلەلمىگەن خىتاي ئەسكەرلەر ياردەم تەلەپ قىلغان نەتىجىدە يەنە 4000 خىتاي ئەسكىرى ياردەمگە كېلىپ ئۇرۇشقا قاتناشقان. كېيىن يەنە قاشىغەر ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستىدىن 15 مىڭ قۇراللىق ئەسكەر ئەۋەتكەن.خىتاي بۇنى ئاز دەپ يەنە ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرى، توپچى قىسىملىرىدىن 3000 كىشىلىك قوشۇن بىلەن بارىنغا بېسىپ كىرگەن ۋە ئومۇمىيۈزلۈك ھۇجۇم قوزغاپ قېرى ‏- ياش دېمەستىن قارا - قۇياق ئوققا تۇتۇپ نۇرغۇن ئاۋام-پۇقرالارنى، مەسۇم بۇۋاقلارنى كوللىكتىپ قىرغىن قىلىۋەتكەن. بارىن يېزىسى خىتاي قانخۇر جاللاتلىرىنىڭ قۇرشاۋ ئاستىدا قالغان.

 خىتاينىڭ شۇ ۋاقىتتا ئېلان قىلغان مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، قانخور خىتايلار مۇجاھىدلارىمىزدىن 48 نى شەھىد قىلغان ۋە 200 كىشىنى يارىلاندۇرغان، بىرىنجى قېتىم ئېلان قىلىشتا 30 كىشى كېيىن 59 ئاخىرىدا 200 دىن ئارتۇق كىشىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

  قانخور جاللات سۇڭ خەنلىياڭنىڭ ماقالىسىدا بىلدۈرۈشىچە، بارىن مۇجاھىدلىرىنىڭ سانى 500 ئىكەن، بۇنىڭدىن 107 مۇجاھىدنى ئېتىپ تاشلىغان توپلام 289 كىشىنى تۇتقۇن قىلغان.

 500 كىشىلىك مۇجاھىدلارغا قارشى خىتاي بۇ ئۇرۇشقا توپلام 22454 قۇراللىق ئەسكەر قاتناشتۇرۇپ 4 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنىدىن 10 ‏- كۈنى سا`ئەت 3 كىچە داۋام قىلغان. يەنى 7 سوتكا 168 سا`ئەت داۋام قىلغان. بۇ ئۇرۇشقا خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىم زۇڭبوسىنىڭ مۇ`ئاۋىن سىلڭيۈئەنى ۋاڭ ۋىنلى بىلەن جاما`ئەت خەۋپىژلىك مېنىستىرلىكى 1 - ئىدرائىسىنىڭ باشلىقى تەن سۇڭچۇنى دېگەن خىتاي مەركەزنىڭ خىزمەت گۇرۇپپسى قاشىغەرگە كېلىپ بۇ خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىلغان.

 دېمەك بارىندا 500 مۇجاھىد 22454 ئەسكەر بىلەن 5 كېچە ‏- كۈندۈز ئۇرۇش قىلغان. 19 مىڭ نوپۇسى بولغان بارىن خەلقىنى 22454 ئەسكەر مۇھاسىرگە ئالغان، يەنى بارىندا بىر كىشىگە بىردىن ئارتۇق ئەسكەر توغرا كەلگەن.

 شۇنداق قىلىپ 1990 - يىل 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سا`ئەت 2 دىن باشلاپ 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئەتتىگەن سا`ئەت 3 گىچە 7 سوتكا (168 سا`ئەت) قاتتىق ھەربىي توقۇنۇش بولغان، ئاللاھ تا`ئالا قۇرئان كېرىمدە ، سىلەردىن 20 نەپەر چىداملىق سەبىرچان كىشىلەر بولسا ئۇلار 200 نەپەر دۈشمەن ئۈستىدىن غەلبە قىلالايدۇ. دېگەن. بارىن مۇجاھىدلىرىنىڭ ھەر بىرىگە 20 نەپەر ئەمەس بەلكى ھەر بىر مۇجاھىدقا 44 كىشىدىن توغرا كەلگەن.

 1990 - يىلى 8 ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن ئېتىۋارەن خىتاي سوت مەھكىمىلىرى «بارىن ۋەقەسىگە ئالاقىدار تۆت ئورۇندا 4 قېتىم ئوچۇق سوت يىغىنى ئېچىپ 103 كىشىنى جازا ھۆكۈم قىلدى. 90 - يىلى 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق سوت مەھكىمىسى چۈشتىن بۇرۇن ھۆكۈم ئېلان قىلىش يېغىنى ئۆتكۈزۈپ سۇلايمان سۇپى، قوربان مۇھەممەد، غۇپۇر ئەۋەللەرگە ئۆلۈم جازاسى بەردى.

 بۇلاردىن بەزلىرىنى 6 يىلدىن دىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. بەزىلىرىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى.

 مەن ماقالىدا دەپ ئۆتكەن سانلىق مەلۇماتلارنى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى مەخپى تارقاتقان كىتابقا ئاساسلىنىپ يېزىپ چىقتىم.

 ئاللاھ پۈتكۈل شەھىدلىرىمىزنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلغاي ۋە ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي، ئا`ئىلىرىگە سەبىر ۋە سالامەتلىك خاتىرجەملىك ئاتا قىلغاي، بىزلەرنىمۇ شۇ مۇجاھىدلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىشقا نىسىپ قىلغاي. ئاللاھ بىزگىمۇ بارىم مۇجادىلىرىدەك روھ ئاتا قىلغاي.

مۇساجان بايتاش


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ