ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بۇ رايۇننىڭ ئېسمى شىنجىئاڭ ئەمەس شەرقىي تۈركىستاندۇر

 

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي جاللاتلىقى 

 

تۈركىيەدىكى داڭلىق ژورنالىست ۋە يازغۇچى ئاسلان بالجى ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي جالاتلىقى  ھەققىدەمۇنداق يازىدۇ:

خىتاينىڭ ئىشخالىيىتى ئاستىدا بولغان شەرقىي تۈركىستاندا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئاسىمىلاتسىيە ۋە ئىككىنچى سىنىپ مۇئامىلىسى ئېلىپ بېرىلماقتا. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى بولسا دۆلەت شەرقىي تۈركىستاندا تېرورلۇقنىڭ دەل ئۆزىنى ئېلىپ بارماقتا.

خىتاي دۆلىتى ئىنتايىن چوڭ بىر ئىقتىسادى تەرەققىياتى بىلەن مىليونلارچە پۇقرالىرىنىڭ قورسىقىنى تويغۇزىشى ۋە ئىش تېپىش ئىمكانىغا ۋەسىلە بولۇش بىلەن بىرگە ساتقان مال تۈرلىرىدىن كىرگەن كىرىمى ۋە ئېرىشكەن پايدا ھەسسىدارلىقى بىلەن پۈتۈن دۇنيا ئىنسانلىرىغا ۋە دۇنيا ئىقتىسادىغا ھەم ئاكتىپ ھەم پاسىپ تەسىر قىلىدىغان بىر دۆلەت مەۋقەسىگە كەلدى. كومىنستىك پارتىيەسى ئىسلاھات تەلىۋى بىلەن ئۆزىنىڭ بەزى نىزام سېستىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ بىرمۇنچە شەھەر ئۆلكىلىرىنى ئېچىۋېتىلگەن رايۇن  دەپ ئېلان قىلىپ سانائەت ۋە تىجارىتىنى كېڭەيتىپ دۇنيادىكى بارماق بىلەن سانىغىلى بولغىدەك تەسىرچانلىققا ئىگە ئىقتىسادى دەرىجىلەرگە ئېرىشتى. بۇ  خىلدىكى تەرەققىياتلىرى بىلەن بىرگە ئىنسان ھەقلىرى تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ قىممىتىنى نۆل دېمەكچى ئىدىم. بىراق نۆل دېسەم بۇنىڭغىمۇ ئەرزىمىگىدەك دەرىجىدە ناچاردۇر.

بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان سىياسىتىدە پۈتۈن مەناسى بىلەن پۈتۈنلەي دىكتاتۇرا ۋە ئىنكارچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزمەكتىدۇر. شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىدىن ئەڭ ئاز دېگەندە 86 خىل ئوخشىمىغان تۈردىكى كان مەھسۇلاتلىرىنى چىقىرىپ ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي تۇپراقلىرىغا ئلېىپ بېرىپ ئۇ يەردە پىششىقلاپ ئىشلەيدۇ. ئەسلىدىمۇ ھەقسىزلىق بىلەن بۇلاپ ئالغان بۇ تەبى بايلىقلارنى ھېچ بولمىغاندا ئۆز دىيارىدا پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق يەرلىك خەلقنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە سەرمايە قىلىشى كېرەك ئەمەسمىدى؟

خىتاي ھۆكۈمىتى ئەڭ ئەشەددى بىر ئىمپىرىيالىست زالىم دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرى بېسىۋالغان زېمىنلارنىڭ تەبئى بايلىقلىرىنى  بۇلاپ ئېلىپ بۇنىڭ ئورنىغا بۇ يەردىكى خەلققە زۇلۇم ۋە قورقۇنچلۇق دوزاخ ھاياتىنى ياشاتماقتا.  

يېقىنقى زامانلاردا  تىجارەت ۋە ساياھەت  ئۈچۈن خىتايغا  بېرىپ كەلگەن چەتئەللىكلەر خىتايدىكى تەرەققىياتقا قاراپ ھەيران قېلىشماقتا. ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ كۆرگىنى بولسا ئىلان سەنئەت ئارقىلىق زىننەتلىنىپ كۆرسىتىلگەن بويالغان ساياھەت يالغان  يۈزىدىن  ئىبارەت بولغان بىر خىتاي دۆلىتىدۇر. ھەقىقى خىتاينىڭ ئەسلى بولسا پۇقرالىرى ئىنتايىن چارچاپ ھالى قالمىغان ، ئاچ ۋە ئىنتايىن تۆۋەن بىر ئورۇندا  ياشاۋاتقان دۆلەتتىن ئىبارەت بولۇپ ئەسلىدە زىيارەتكە بارغانلار بۇلارنى كۆرسە ھەقىقى ھەيرانلىقى شۇ چاغدا كۆرۈلەتتى. بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇئاڭجۇدەك تەرەققى قىلغان زامانىۋى شەھەرلەر دۇنيانىڭ مەشھۇر شەھەرلىرى بىلەن رىقابەتكە كىرگىدەك دەرىجىدە . ئاجايىپ ئېلغارلاشقان يول  ۋە سودا- سېتىق رايۇنلىرى بار. بىراق ئارقىدا قالدۇرۇلغان شەھەرلىرىنىڭ ئارقا كۆچىلىرىغا قارىسىڭىز سودا – سېتىق رايۇنلىرىدا  گۈرۈچ ۋە تەييار چۆپ ساتىدىغان دۇككانلارنى تېپىشتىمۇ قىينىلىسىز. ھەممە يەردە ساقچىلار ۋە كومۇنستىك پارتىيەنىڭ مۇز تەلەت ئادەملىرىنى كۆرىسىز.  بۇ شەھەرلەردىن يەنە بىر شەھەرگە بېرىش ئۈچۈن  پاسپورت ۋە بارىدىغان شەھەردىن سىز ئۈچۈن چاقىرىقنامە بولمىسا ساياھەت ئۈچۈن بىر قەدەم ماڭالمايسىز.  ئۇلارنىڭ بۇ قانۇنى كۆپۈنچە ئۆزلىرى قامال قىلىپ تۇرغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈندۇر. خىتايلار ھەر يەردە خالىغانچە ئايلىنىپ يۈرەلەيدۇ.  چوڭ – چوڭ زاۋۇت فابرىكىلاردا ئىشلىيەلەيدۇ.  

شەرقىي تۈركىسيانلىق بىرىنىڭ ياكى تىبەتلىك بىرىنىڭ دۆلەتنىڭ فابرىكىلىرىدا ۋە ياكى ئالاھىدە بىر تارماقلاردا مۇھىم ئىشلاردا ئىشلىشى ياكى ئىشلىتىلىشى مۆمكىن ئەمەس بىر ئىشتۇر. بۇ كىشىلەر خىتايلارنىڭ نەزىرىدە بىرەر ھاشارەت ياكى بىرە قۇرۇتقا ئوخشاشتۇر. بىراق ئۇلارنىڭ ۋەتەنلىرىنى ئىشخال قىلىپ ھەر نەرسىسىنى يالماپ يۇتۇپ ، يەر ئاستى بايلىقلىرىنى بۇلاڭ- تالاڭ قىلغاندا ھەرگىزمۇ بۇ ئىنسانلارنىڭ شۇ بايلىقلارنىڭ ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى  ئويلاپ قويمايدۇ.

يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى تەبى بايلىقلار ۋە قىممەتلىك مەھسۇلاتلار جەھەتتىن پۈتۈن خىتاي چېگرىسى ئىچىدىكى رايۇنلار ئىچىدە ئەڭ قېممەتلىك ۋە مۇنبەت تۇپراقلارغا ئىگە بولغان رايۇنلارنىڭ بېشىدا شەرقىي تۈركىستان تۇرۇدۇ. بىراق ئەپسۇسلىنارلىقى ئەڭ ئارقىدا قالدۇرۇلغان تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا تاشلاپ قويۇلغان رايۇن يەنە شەرقىي تۈركىستاندۇر.

خىتاي ھۆكۈمىتى بىلىپ تۇرۇپ پىلانلىق ھالدا بۇ رايۇننى نامرات ۋە نادان تاشلاپ قويماقتا. ئۆز ئالدىغا ئىش ئوقەت قىلغان، مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغانلانى بولسا بىزدىن روخسەت ئالمىدىڭ دەپ تۇتۇپ تۈرمىگە تاشلايدۇ. خوش! سىزچە بۇ ئىنسانلار قانداق قىلىشى كېرەك؟  پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتمىسىنمۇ؟ ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان بىر كەلگۈسى ھاياتى بولماسلىقى كېرەكمۇ؟ بۇ قانداق بىر زالىملارچە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۇسۇلى؟ قانداق بىر زالىم باشقۇرۇش؟

خەلققە دائىمى دۈشمەن بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى تېگى تەكتى خىتاي بولغان خىتايلارنى بۇ رايۇنغا ئەۋەتىش ئارقىلىق بۇ رايۇندىكى نوپۇس سېستىمىسىنى ئالماشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. شەرقىي تۈركىستان رايۇنىغا كۆچۈشنى خالايدىغان خىتايلارغا دۆلەت ھەم پۇل ھەم ئىش ۋەدە بېرىدۇ. ئەسلىدە خىتايدا ھەم پۇل ھەم داشقازان يېمىكىگە ئىگە بولۇش دېگەنلىك بىر پادىشاھلىق ئىمتىيازدەك مۇھىمدۇر. ھەم قىلىدىغان ئىشىڭ، ھەم پۇلۇڭ بولسا بىر خىتاي ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نېمە خالايتتى؟ بۇ خىل قىززىقتۇرۇش ۋە تەمىناتلار بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستانغا خىتايلار كۆچۈپ كېلىشنى داۋام قىلىپ كېلىۋاتماقتا.  

مەدىنىيىتى پۈتۈنلەي ئوخشىمىغان ئىككى مىللەتنىڭ بىر يەردە ياشىشى ئىنتايىن تەس ئىش ئەلۋەتتە.  يەپ ئېچىش مەدىنىيىتىدىن، تازىلىق ۋە ئەخلاق نىزاملىرىغىچە بىر- بىرىدىن ئىنتايىن چوڭ پەرقلەر باردۇر. ھاجەتخانا مەدىنىيىتى دېگەن بىر ئېڭىمۇ بولمىغان، ئۇچقان، قاچقان ، ئۆمىلىگەن دومىلىغان ھەر نەرسىنى يەيدىغان بىر خىتايلار بىلەن ئۇيغۇر ۋە بۇ رايۇندا ياشايدىغان باشقا تۈرك سېستىمىسىدىكى ئۆزبەك، قىرغىز ، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بىر – بىرلىرى بىلەن يېقىنلىشىپ ئۆتۈشى  ۋە بىر- بىرلىرىنى توغرا چۈشۈنىشىلىرى مۆمكىن بولمىغان بىر ئىشتۇر. ھېچ بولمىغاندا كەلگەن خىتاي كۆچمەنلەر ئازراق بولسىمۇ ئوقۇغان،مەدىنىيەتلىك ، ئۆزىنى بىلىدىغان تىپتىكى ئادەملەر بولسىغۇ ئازراق بولسىمۇ بىر- بىرىلىرىنى چۈشۈنۈشەتتى. بىراق كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى دېگىدەك تاغلىق رايۇنلاردىن، ئەڭ چەت سەھرا يېزىلاردىن كېلىدىغان بولغاچقا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۆزلىرىنىڭ مەينەت ۋە نادان ئادەتلىرى بىلەن ياشاشلىرى ھەممىدىن بۇرۇن ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى سۈركۈلۈشنىڭ باشلىنىشىغا يېتەرلىك سەۋەپ بولالايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەنلىك بىلەن بۇ زېمىنغا بۇ خىلدىكى بىچارە كىشىلەرنى ئەۋەتىپ يەرلىك خەلقنىڭ زېمىنلىرىنى تاشلاپ باشقا يەرلەرگە ،ھەتتا باشقا دۆلەتلەرگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر قىلماقتا.

خىتايلار ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىرىدىكى زېمىنلىرىنى ، مۈلك يەرلىرىنى تارتىۋېلىۋالماقتا

يېقىنقى زامانلاردا بىر كەلىمە يەنى تېرورىستكەلىمىسى ئىنتايىن كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بولدى. بۇنى ئەڭ كۆپ ئىشلەتكەن دۆلەت خىتاي دېسىمۇ بولىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ فاشست ۋە زوراۋان تۈزۈمىگە قارشى چىققان ھەر بىر ئادەمنى تېرورىست دەپ ئېلان قىلىدۇ ۋە قەتئلىئام ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ھەمدە بۇ كەلىمىنىڭ باش تەرىپىگە بىر مۇسۇلمان كەلىمىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن خىتاينىڭ ھەقسىزلىقلىرى ، ھوقۇقسىزلىقلىرى ئالدىدا ھېچكىم ئۇلاردىن ھېساپ سورىيالمايدۇ. ئۆتكەن   10 يىل ئىچىدە خىتاي رەسمى يوسۇندا مۇسۇلمانلارنى ئوۋلاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئاللاھىنى، ئاللاھنىڭ دىنىنى، پەيغەمبىرىنى ياخشى كۆرگەن ۋە بۇ مۇسۇلمانچە = ياشاشقا تىرىشقان كىم بولسا ئۇنى تېرورىست دەپ ئىلان قىلىدۇ ۋە ئارقىسىدىن ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە باستۇرۇپ كېرىدۇ. قارشىلىق كۆرسەتكىدەك بولسا دەرھال نەق مەيداندا ئۆلتۈرۋېتىدۇ. قارشىلىقسىز قولغا چۈشكەنلەرنى بولسا تۈرمىگە سولاپ بىر يىل بولا بولمايلا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىيناشلار بىلەن قىينىغاندىن كېيىن شەيتاننىڭ ئەقلىگە كەلمەيدىغان بۆھتانلار بىلەن قارىلاپ ئۆلۈمگە مەھكۈم قىلىدۇ.  

خىتاي ھەر تۈرلۈك زۇلۇم ۋە تاختىكىلار بىلەن مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش ۋە ئۇلارنى قورقۇتۇش پېيىدە. ھالبۇكى ئۇيغۇرلار ئاسانلىقچە ئاسىمالىيەتسە بولىدىغان، قورقۇپ قالىدىغان مىللەتلەردىن ئەمەستۇر.

خىتاي شەرقىي تۈركىستان رايۇنىغا ئۆز ئادەملىرىنى پۈتۈنلەي يەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى بەش يىل ئىچىدە  قەشقەر ۋىلايىتى ئەتراپىدا قايتا قۇرۇپ چىقىش پىلانى  ئاستىدا   زېمىن بۇلاڭچىلىقى ئېلىپ بارماقتا. شەرقىي تۈركىستان رايۇنىدىكى خىتاي دىكتاتۇرچىلىرى تەرىپىدىن بۇ رايۇنغا ئۈزلۈكسىز خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ پات- پاتلا قارشىلىق پائالىيەتلىرىگە سەۋەپ بولماقتا. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەڭ قىممەتلىك تۇپراقلىرى خەلقنىڭ قولىدىن مەجبۇرى تارتىلىنىۋالماقتا. ئۆيلىرى ئۆرۈلگەن ئۇيغۇرلارغا بولسا نورمال نەرقىدىن ئىنتايىن تۆۋەن بولغان يەر پۇلى بەرگەچكە ئىتىراز بىلدۈرگەنلەرنى تۇتۇپ تۇرمىلەرگە تاشلىماقتا. قەشقەر ۋەقەسى چىقىشتىن بۇرۇن ئۆيلىرى مەجبۇرى ئېلىنغان كىشىلەر 22- ئاپرىل كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ۋالى بىناسى ئالدىدا ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن نامايىش قىلدى. بۇ نامايىشتا باشلامچىلىق قىلغان كىشىلەر تەكشۈرۈلۈپ 23- مارت كۈنى ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە باستۇرۇش ئېلىپ باردى.

قەشقەر مارالبېشى سېرىق بويا يېزىسىدىكى  ۋەقەلىكتىمۇ خىتاي ساقچىلىرى بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە باستۇرۇپ كىرىپ ئۆيدىكى كىچىك بالىنى ئېلىپ ماڭماقچى بولغاندا بالا قارشىلىق قىلىنغانلىقى ئۈچۈن سەۋەپسىز ئۆلتۈرۈلدى. مەھەلىدىكىلەر ئوق ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ۋەقە چىققان يەرگە  كېلىىشى بىلەن ساقچىلار ئۇلارغا قالايماقان ئوق چىقىرىشقا باشلىدى. غەزەپلەنگەن خەلق قولىغا تاياق توقماق ئېلىپ ئۆزلىرىنى مۇداپە قىلىشقا تىرىشتى. بۇ قالايماقانچىلىقتا 6 ئۇيغۇر مۇسۇلمان ۋە خىتاينىڭ 15 ئادىمى بولۇپ 21 كىشى ئۆلدى. ئۇيغۇرلاردىن بىرمۇنچىسى يارىلاندى.

خىتاي دۆلىتى خەۋەرلەرنىڭ ھەقىقى يوسۇندا تارقىلىپ كېتىشىنى ئەڭ قاتتىق چەكلەيدىغان ، پەقەتلا ئۆزلىرىنىڭ مەنپەتىگە توغرا كېلىدىغان شەكىلدە خەۋەر بېرىدىغان بولغاچقا بەزى خەۋەرلەرنىڭ ھەقىقى مەنبەسىگە ئېرىشىش تولىمۇ تەس.   

2009- يىلى 5- فېفرالدىكى ۋەقەگە كەلسەك ئۈرۈمچىدە شۇنچىلىك كۆپ ئۇيغۇرنىڭ جېنىغا زالىم بولغان، نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ يارىلىشىنىغا سەۋەپ بولغان ئىدى. ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە قەشقەر، خوتەن، غۇلجا قاتارلىق يەرلەردە خىتايلارنىڭ باستۇرۇشلىرى سەۋەبى بىلەن ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ سانى 72 گە يەتكەن.

خىتاي ساياھەتچىلەرگە ئىشىكىنى ئاچقان دەسلەپكى مەزگىلەردە مەن خىتايغا باردىم. شاڭخەيدىكى بىر ماگىزىندىن يېپەك ئېلىۋاتقان ئىدىم. ماگىزىننىڭ مۇدىرى بىلەن گەپلىشىپ قالدۇق. ئۇ مەندىن دوللارنى قايەردە ئالماشتۇرىۋاتقانلىقىمنى سورىدى. مەن: ئۇيغۇرلارنىڭ  ۋەسىلىسى بىلەن ئالماشتۇرىۋاتىمەن، دېدىم. بۇنى ئاڭلىغان مۇدۇرنىڭ چىرايى ئۆزگۈرۈپ كەتتى ۋە ماڭا: ۋاي، دېققەت قىلغىن، ئۇلا قاراقچىدۇر. ئوغرى، ساڭا زىيان سالىدۇ، بىز ئۇلاردىن بەكلا قورقۇمىز، دېدى. مەن مۇدىرغا: ئۇلار ئىنتايىن ياخشى ئادەملەر، ناۋادا سەن ئۇلارغا يامانلىق قىلمىساڭ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ساڭا يامانلىق قىلمايدۇ، ھەتتا ساڭا قارىتا ئالاھىدە مۇئامىلىدە، ئىلتىپاتا بولىدۇ، دېدىم.

شۇنىڭدىن كېيىنكى زامانلاردا خىتايغا بارغىنىمدا خىتايلاردىن دائىم ئۇيغۇرلارنى سورىدىم. ۋە خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇ ئىنسانلارغا زۇلۇم قىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەقلىرىنى تارتىۋالىدۇ؟ دەپ سورىدىم. ئۇلارنىڭ بەرگەن جاۋابى ئاساسەن مۇنداق ئىدى: ئۇلار قاراقچى، ئاۋارچىلىق چىقىرىدىغان ئىنسانلار بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقى، ئاخىرقى زامانلاردا بولسا ھەربىرى تېرورىست بولغانلىقىنى دېيىشتى.

بۇ رايۇننىڭ ئېسمى شەرقىي تۈركىستاندۇر

ھەقسىز ھالدا بىر ئىنساننى تۈرمىگە تاشلا، ئاندىن كېيىن ئۆلتۈر. قالغانلارنىڭ ئۆيلىرىنى خالىغان ۋاقىتتا كېلىپ باستۇر، ئاياللارغا ، بالىلارغا تاجاۋۇز قىل. قارشىلىق بىلدۈرسە تېرورىست ئىلان قىل. بۇ قايسى ۋىجدان ۋە ئەقىلغا سىغىدىغان ئىش؟ تېرورىست بولغان ئىنسان ئەسلىدە قولىغا قورال ئېلىپ گۇناھسىز ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەن، ئاپتۇۋۇز، بازار ۋە كوچىلاردا پارتىلىتىش ئېلىپ بېرىپ ھەر نەرسىنى ھاۋاغا ئۇچۇرتقان ئىنسانلارغا دېيىلىدۇ. بىراق نومۇسىنى، ئائىلىسىنى، ئۆيىنى، يۇرتىنى قوغدىماقچى بولغان كىشى قانداقمۇ تېرورىست بولۇدۇ؟ ئەسلى تېرورىست خىتاي دۆلىتىنىڭ دەل ئۆزىدۇر. ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندەك بىر دۆلەتنى ئىشخال قىلىۋالغاندۇر. ئۇ زېمىن ئەسلىدە ئۇلارنىڭ ئەمەس. بۇرۇندىن تارتىپ مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ كەلگەن بىر دۆلەتنى خىتاي كېلىپ ئىشخال قىلىۋېلىپ ئاندىن ئېسىمىنى ئۆزگەرتىۋالغاندۇر.

ئىمپىرىيالىست كۈچلەر بىر زېمىننى ئىشخال قىلىۋالغاندا بىرىنچى قىلىدىغان ئىشى شۇ يەرنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىش بولىدۇ. خىتايمۇ دەل شۇنداق قىلدى. ئالدى بىلەن ئىگەلىۋېلىپ ئاندىن ئىسمىنى ئۆزگەرتتى. بۇ يەرنىڭ ئىسمىنى يېڭى رايۇن، يېڭى چېگرا مەنىسىدىكى   شىنجىئاڭ غا ئۆزگەرتتى. بۇ ئىسىمنى رەسمى ئورۇنلاردا، خەرىتىلەردە ئىشلىتىشكە باشلىدى. مەكتەپنى يېڭى باشلىغان بالىلار ھەممىسى ئانا يۇرتىمىز شىنجىئاڭ دەپ بىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ئىسىمىنى ئېغىزلىرىغا ئېلىش جىنايەتتۇر بۇ يەردە. ھامان ئۆلۈم جازاسىغا يولۇقۇش ئىھتىمالى بار.

تاجاۋۇزچى  ئىمپىرىيالىستنىڭ قويغان بۇ ئىسىمنى ئەپسۇس مۇسۇلمان دۆلەتلەرمۇ ئىشلىتىشكە باشلىدى. دېمەك ئۇلار بۇ رايۇنغا ئېلىپ بېرىلغان تاجاۋۇز ۋە ئىشخالىيەتنى قوبۇل قىلغاندەك بولدى. تۈركىيەدىكى بەزى تەشۋىقات ۋاستىلىرى بۇ رايۇننىڭ ئىسمىنى  شىنجىئاڭ دەپ ئالماقتا. ئىسلامى تۇيغۇلىرى خېلى كۈچلۈك بولغان ئىنسانلاردىن بەزىلىرىنىڭمۇ بۇ ئىسىمنى ئىشلەتكەنلىكىدىن ئىنتايىن كۆڭلۈم يېرىم بولدى. ئۇلارنىڭ نېىيىتىنى يامان دەپ قارىمايمەن. ئىنساننىڭ مەلۇم نەرسىلەرگە بولغان بىلىمى چەكلىك بولسا بەزىدە بىلمەستىن دۈشمەننىڭ سەنىمىگە دەسسەپ سالىدىغان ئىش بولىدۇ ئەلۋەتتە. ئىشنىڭ ئەسلى شۇكى ئىشخالچى كۈچلەرنىڭ ئىشلەتكەن تىلىنى ئىشلىتىش كۆپىنچە شۇ يەرنىڭ تارىخىنى بىلمىگەنلىكتۇر. شۇنى بىلىش كېرەككى بۇ زېمىننىڭ ئىسمى ھەرگىزمۇ شىنجىئاڭ بولماستىن شەرقىي تۈركىستان دۇر. ئۇ يەردە ياشىغان مىللەتنىڭ ئىسمى بولسا ئۇيغۇردۇر بەلكى خىتايلار ئەمەستۇر.

خىتاي شۇنچىلىك دەرىجىدە ئىقتىسادى ئىلگىرلەشكە ئېرىشكەنكەن، ئۇ ئازراق بولسىمۇ ئىنسانلىقتا قەدەم ئاتسا دېگەن ئۈمىتتىمىز. قاتتىق زۇلۇم ۋە تېرورنى مەسۇم خەلققە ئېلىپ بېرىش ئىنسانلىقنىڭ ئەڭ ئېغىر جىنايىتى ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك.

تەرجىمە قىلغۇچى : مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر    

 

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ