ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقتە كۈچىيىۋاتقان نەپرەت كۆرىنىشى

شەرقتە كۈچىيىۋاتقان نەپرەت كۆرىنىشى

يېڭى شەپەق تورىنىڭ 20 ئاپرىل كۈنىدىكى سەھىپىسىدە ئاكىف ئەمرەنىڭ «شەرقتە كۈچىيىۋاتقان نەپرەت كۆرىنىشى»ناملىق ماقالىسى ئىلان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشى سىياسىتى ئىخچام يورۇتۇپ بىرىلگەن. ھەمدە بۇنىڭغا قارىتا غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ پوزتىسيەسىمۇ ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.

ماقالە قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى.

غەرىپلىكلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئىكىسپولاتاتسىيە ئۇلارغا كۈچ ۋە قابىلىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشىگە سەۋەپ بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇزۇن مەزگىللىك ئىنچىكە  باشقۇرۇش يوللىرىنىمۇ ئۈگەتتى.

 روسنىڭ تالان-تاراجلىرىمۇ نۇرغۇنلىغان قانلىق ۋە قاتتىق قول ھۆكمىرانلىق ئۇسلۇبىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.

بىز ئۈچۈن ئۇزاق شەرقتە سىرىتقى دۇنيا ئۈچۈن ئېچىۋىتىلمىگەن بىر ئىمپىراتۇرلۇقنىڭ ئىگىسى بولغان قىزىل خىتاي ھېچبىر ئوخشىشى بولمىغان باشقۇرۇش سېستىمىسىنى بارلققا كەلتۈرىۋاتىدۇ ۋە ئۇنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرىۋاتىدۇ. بۇرۇندىن تارتىپ سىرىتقى دۇنيا ئۈچۈن تاقىۋىتىلگەن بىر مەدەنىيەت  سۈپىتىدە داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان خىتاي مەدەنىيتىنىڭ،  يەنە بىر قارشى تەرەپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يىرىك ۋە چەتكە قاققان ھالەتتە داۋاملىشىپ كەلدى. قىزىل خىتاينىڭ تىنچ ئوكيان قىرغاقلىرىدىكى رايۇنلارغا قاراپ كېڭىيىشى،  ئىگىلىشكە يۈزلەنگەن بىر مەدەنىيەتنىڭ ئوخشىمىغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇ مەدىنىيەتلەرنى يەكلەيدىغان ۋە چەتكە قاقىدىغان سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىش بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى.

سىرىتقى دۇنيا بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈۋىتىلگەن قىزىل خىتاي مەدەنىيتى تېخىمۇ ئىرقىي ۋە شەخسىيەتچى بىر ئەنئەنە بىلەن ئازسانلىق دەپ قارالغانلارغا قارشى تېخىمۇ رەھىمسىز، چىداش مۈمكىن بولمىغان سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلماقتا. قىزىل خىتاينىڭ ئىجرا قىلىۋاتقىنى ھەم كومىنىزىمنىڭ،  ھەم سىرىتقى دۇنيادىن ئايرىۋىتىلگەن  قەدىمىقى خىتاي مەدەنىيتىنىڭ يۇغۇرۇلمىسى بولۇپ، ھازىر ئۇ تەرەققى قىلدى.   بۇ ماۋزىدۇڭ مەدەنىيەت قاتلىمى بىلەن، ئەڭ يۇقىرى نوقتىغا كەلگەن سىتراتېگيە جەھەتتىكى بىر تەرەپلىك كۈچلىنىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئەلۋەتتە. شۇنداقلا  بۇ پۇرۇلتارىيات دەۋرىنىڭ ئۆزىدىن باشقا سىنىپلار بولمىغان،  ئاتالمىش ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش تەشەببۇسىنى ئېلىپ بېرىپ، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ۋە ئوخشىمىغان ھايات شەكىللىرىنى يوق قىلغان زورلۇق-زۇمبۇلۇق سىياسەتلىرىگە قايتىشنىڭ دەل ئۆزىدۇر.

بۈگۈنكى دەۋىردە غەرىپتە بولىۋاتقان ئىسلام قورقۇنچىسى بىلەن خىتايدىكى ئىسلام قورقۇنچىسى ماھىيەتتە ئوخشىمايدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمما، بۇنىڭ ئەمەلى ئىجرائاتى بىردەكلىككە ئىگە. ھازىرغىچە ياۋرۇپا ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە رەڭ، ئىرق، دىنلارنىڭ پەرقىنى تونۇپ يەتمىگەن بولسىمۇ ئەمما،  ئۇنى ھاياتقا تەدبىقلاشتا مىللەتلەرنىڭ ئەسلى گېنىدا بار بولغان خۇسۇسىيەتلەرنى چۈشىنىپ يەتتى.

ئىقتىسادى تەرەپتىن كاپىتالىستىك سېستىمنى، سىياسەت جەھەتتىن  كومىنىزىم سېستىمىنى قوللۇنۇپ كىلىۋاتقان خىتاي، ئاز سانلىق ھىساپلىنىدىغان مۇسۇلمانلارنى ۋاستىلىق يوللار بىلەن ئەمەس بەلكى بىۋاستە ۋە مەجبۇرى ھالدا ئىجرا قىلىۋاتقان دۆلەت سىياسەتلىرى بىلەن ئىزىپ كەلمەكتە. ئەسلى خىتاي بولمىغان مۇسۇلمانلارغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان ئېغىر زۇلۇم سىياسەتلىرى ھېچقاچان توختاپ قالمىدى.

ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان سىياسى رىقابەت سەۋەبى بىلەن قىزىل خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە ئاسمىلاتسىيە سىياسەتلىرى  كىشىلىك ھوقۇق نوقتىسىدىن غەرپنىڭ تەنقىدىگە دۈچ كىلىش بىلەن بىرگە،  ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بىرى سىياسى بىسىملىرىغا ئۇچراپ كەلمەكتە.

دۇنيانىڭ شەرقىي ۋە غەربىدىكى مۇسۇلمانلار ئوخشاش بىر تەقدىرگە دۈچ كەلمەكتە. غەرپكە ئاستا-ئاستا يىتىپ كىلىۋاتقان تەھدىد ئومۇمەن مۇسۇلمانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن كۆرۈلۈپ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار چىقىرىلماقتا. بەش يىل ئىلگىرى خىيالىمىزغا كەلمىگەن ئىشلار قانۇن سۈپىتىدە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى...  ياغلىقلارنىڭ چەكلىنىشى توغرا دەپ قارالغان قارارلار، نەپرەت ۋە قارشىلىق تۇيغۇلىرىنىڭ ئومۇمى تەھدىد ھالىتىگە كىلىشىگە سەۋەپ بولماقتا.

خىتايدا ئاممىۋى مىخانىزىملار ئۇنچە سەزگۈر بولمىغانلىقى ئۈچۈن، تارىخى تەجرىبىلەرگە ئۇيغۇن بولغان قوپال ۋە شددەتلىك ھەركەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، ئوخشاش نەتىجىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرىۋاتىدۇ.

خىتايدا بۇ قېتىم چىقىرىلغان قارار كۆپلىگەن ئىنكاسلارغا پەرۋا قىلماستىن  ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى. غەرپلىك سىياسەتچىلەر بولسا بۇنىڭغا ھېچقانداق ئىتراز بىلدۈرمەستىن،  بۇنى قوبۇل قىلغانلىقتەك پىسخىكىسىنى ئىپادىلەپ تۇرماقتا.

خىتاي يېڭىدىن ئىلان قىلىپ، ئىجرا قىلىۋاتقان بۇ قاراردا،  ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ  مۇجاھىد، مۇھەممەد، تالىپ، سادا، ھاجى، ئەرافات، تۈركىزات، ئىسلام، مۇسلىمە دىگەندەك مۇسۇلمانچە ۋە تۈركچە ئىسلامى ئىسىملارنى ئىشلىتىشىنى چەكلىگەن. بۇ ئاڭلىماققا ئادەمنىڭ نىرۋىسىنى قالايمىقان قىلىۋەتكىدەك دەرىجىدىكى ئەھۋال بولسىمۇ ئەمما،  بۇنىڭغا قارىتا دۇنيا ئۈن-تىنسىز ھالەتتە سۈكۈتتە تۇرماقتا.

بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتىن بىرى خىتاي ئىشغالى ئاستىدا تۇرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالاھىدە ۋە ئادەتتىكى دىنى قائىدىلەرنىڭ ئەسەبىيلىك ھىساپلىنىشى، مەسجىدلەرگە كىرىشنىڭ چەكلىنىشى، دىنى ئوقۇ-ئوقۇتۇشنىڭ قاتتىق مەنئى قىلىنىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى خالىغان ئىسىملارنىمۇ ئىشلىتىش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قېلىنىشى ئىنسانى قەدىر قىممەتلەرنىڭ نەقەدەر ئاياق-ئاستى قىلىنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

بىر ۋاقىتلار خىتايدا سىياسى مەقسەدلەر بىلەن ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلغان غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ ئەمدىلىكتە، «ئىسلام قورقۇنچىسىغا نىسبەتەن  خىتايدىن ئۈلگە ئېلىش ئىھتىماللىقى جىددى ئەندىشە قوزغىماقتا.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ