ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شى جىنپىڭ مەسخىرە قىلىلىنغان كارتون ڧىلىم چەكلەندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-08-07 16:40:00 جەمئى 2501 قېتىم ئوقۇلغان.

شى جىنپىڭ مەسخىرە قىلىلىنغان كارتون ڧىلىم چەكلەندى

شى جىنپىڭ مەسخىرە قىلىلىنغان كارتون ڧىلىم چەكلەندى

7- ئاۋغۇست تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە،  ئاتاقلىق كارتون فىلىم ئىشلەپچىقارغۇچى چىرىستوپېر روبىن تەرىپىدىن ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى كارتون فىلىم «Winnie the Pooh» (ۋىننى بىلەن پۇھ) شى جىنپىڭ مەسخىرە قىلىنغالىق سەۋەبىدىن خىتايدا خىتايدا چەكلەندى.

«The Guardian» گېزىتىنىڭ ھولىيۋۇد دوكلاتچىسىنى مەنبە قىلغان خەۋىرىدە، بۇ مەنئىي قىلىشنىڭ ئارقىسىغا يوشۇنغان سەۋەبنىڭ ئەسلىدە، كارتون فىلىم پىرشۇنازى بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جىسمانىي ئوخشىشىش ھەققىدە تارقىلىۋاتقان ئىنكاسلار ئىكەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئوخشىتىشتىن قاتتىق بىئارام بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«Winnie the Pooh» (ۋىننى بىلەن پۇھ) ناملىق كارتون فىلىم خىتاي خەلقىنىڭ شى چىنپىڭنى تەنقىد قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق ئىشلىتىدىغان ئۈلگىرىلىرىدىن بىرسىگە ئايلانغان بولۇپ، بۇ فىلىمنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانمىغانلىقى، بەلكى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئاتاقلىق كارتون فىلىم پىرشۇنازلىرىنىڭ رەسىملىرى چەكلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى. 

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «Winnie the Pooh» (ۋىننى بىلەن پۇھ) قا قارشى جەڭ ئېلان قىلىشى 2013 – يىلىدا شى جىنپىڭنىڭ ۋاشىنگىتون زىيارىتى جەريانىدا، سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن چۈشكەن بىر رەسىمى بىلەن باشلانغان ئىدى.

ئىككى رەھبەرنىڭ رەسىمى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مەزكۇر كارتون فىلىمنىڭ پىرشۇنازلىرىدىن «Winnie and Tigger» (ئېيىق بىلەن يولۋاس) بىرلىكتە تۇرغان كۆرۈنىشىگە ئوخشىتىلغان ئىدى. 

بىراق ئوخشىتىش بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، 2014 – يىلىدا شى جىنپىڭنىڭ ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابى بىلەن چۈشكەن رەسىمىمۇ «Winnie the Pooh» (ۋىننى بىلەن پۇھ) نىڭ يەنە بىر رەسىمىگە ئوخشىتىلغان ئىدى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شىنىڭ ۋىننىغا جىسمانىي جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىشى ھەققىدىكى ئىنكاسلار كەڭ تارقالغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ چەكلىمە قويۇش ئورگانلىرى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، شى جىنپىڭنى مەسخىرە قىلىدىغان بارلىق كۆرۈنۈشلەرنى ئۆچۈرۈپ تاشلىغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ چاغدا بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، «Winnie the Pooh» (ۋىننى بىلەن پۇھ) نىڭ شى جىنپىڭغا ئوخشىىتىلىشىنىڭ ئەسلىدە، خىتاي دۆلەت رەئىسلىكى ئىشخانىسى ۋە دۆلەت رەئىسىنىڭ ئابرويىغا زىيان يەتكۈزۈش ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن ئالاھىدە تىرىشچانلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

شۇنداقتىمۇ جىرىستوپېر روبىننىڭ كارتون فىلىمىنىڭ خىتايدا چەكلىنىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن يەنە بىرسى، خىتايدا چەت ئەل فىلىملىرىغا قويۇلغان چەكلىمىلەر بولىشىمۇ مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى كىنوخانىلىرىدا ھەر يىلى ئاران 34 چەت ئەل فىلىمىنىڭ قويۇلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ.

مۇشۇ يىلنىڭ ئالدىنىقى ئايلىرىدىمۇ «Disney» تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «A Wrinkle in Time» ناملىق فىلىمنىڭ قويۇلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان ئىدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ