ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شى جىنپىڭ ئورۇن بوشىتىشقا مەجبۇرلانغان بولىشى مۇمكىن

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-07-16 16:21:25 جەمئى 11738 قېتىم ئوقۇلغان.

شى جىنپىڭ ئورۇن بوشىتىشقا مەجبۇرلانغان بولىشى مۇمكىن

شى جىنپىڭ ئورۇن بوشىتىشقا مەجبۇرلانغان بولىشى مۇمكىن

15- ئىيۇل ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، 15- ئىيۇل كوممونىستىك پارتىيە ئورگان گېزىتى بولغان«خەلق گېزىتى»دە شى جىنپىڭنىڭ ئىسمى يېزىلمىغان.

خەۋەردە 15- ئىيۇل خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ بىردىن – بىر تەشۋىقات زۇۋانى بولغان «خەلق گېزىتى » دە شى جىنپىڭنىڭ ئىسمى بىر قېتىممۇ يېزىلمىغانلىقى ، بۇ خىل تاسادىپىيلىق بىر ھەپتە ئىچىدە ئىككى قېتىم يۈز بەرگەنلىكى، بۇ ئەھۋال خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانلىقى، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ تەشۋىقاتىنى پىششىق بىلىدىغان كىشىلەر بۇ ئەھۋالنى« تاساددىبىيلىق» دەپ قارىمايدىغانلىقى، بۇ ئەھۋاللارنىڭ شى جىنپىڭ تەخىتكە چىققاندىن كېيىن يۈز بىرىشكە باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە يەنە، ئامېرىكا خىتاي سودا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بىرى «خەلق گېزىتى» سودا ئۇرۇشى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى بەرمىگەنلىكى، ئۈنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا بىلەن ئېلىپ بارغان سودا ئۇرۇشى نەتىجىسىدە خىتاينىڭ تاشقى سودىسى2017- يىلىغا قارىغاندا 275.8 مىليارد دوللار قىممىتىدە تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى، شۇ ھالەتتىمۇ بۇ خەۋەر « خەلق گېزىتى»دە بېرىلمەسلىكى ھەمدە شى جىنپىڭنىڭ ئسمى ئىككى ساندا يېزىلمىغانلىقى كوممونىستىك پارتىيە ئىچىدە بۆلۈنۈش يۈز بېرىپ « شى جىنپىڭ ئورگان گېزىتىنى كونترول قىلالمىدىمۇ؟» دېگەن سۇئاللارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ