ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شىۋېتسىيەدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

 

3-فېۋرال شىۋېتسىيەدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشنى شىۋېتسىيە مائارىپ جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، شىۋېتسىيە ئىسلام جەمئىيىتى مىللىي ئاڭ (IGMG) تەشكىلاتى، تۈرك تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلار ئىشتىراك قىلدى.

«ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىن قىلىنىشىنى توسۇپ قالايلى»، «شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئەركىنلىك» دېگەن پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان» دېگەن شوئارلارنى توۋلاشتى.

نامايىشتا شىۋېتسىيە مائارىپ جەمئىيىتى رەئىسى ئادەم غالىب ئەپەندى سۆز قىلىپ، بۈگۈنكى نامايىش پائالىيىتىنى خىتاينىڭ 1997-يىلى غۇلجىدىكى قىرغىنچىلىقىغا ئاتاپ ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، 1997-يىلى خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى قەدر كېچىسى قۇرئان ئوقۇۋاتقان قىز-ئاياللارنى تۇتقۇن قىلىشقا قارشى تىنچ نامايىش قىلغان 800دەك خەلقنىڭ خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ ھازىر تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ