ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق كىشى ئۇيغۇر ئايالىنى ئىزدەشنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-12 15:15:15 جەمئى 2350 قېتىم ئوقۇلغان.

سەئىد سەئد ئەببۇد شەھرانى شەرقىي تۈركسىتانلىق ئۇيغۇر ئايالىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق كىشى ئۇيغۇر ئايالىنى ئىزدەشنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئۆز خەۋىرىمىز، ئىككى كۈندىن بۇيان ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدە سەئۇدى ئەرەبىستانلىق سەئىد سەئد ئەببۇد شەھرانى ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ قىسقا سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركسىتانلىق ئۇيغۇر ئايالىنى ئىزدەۋاتقانلىقى، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭدىن ئىككى پەرزەنتى بارلىقى، ئايالىنىڭ پاسپورت ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ۋەتەنگە قايتىپ ساق-سالامەت پاسپورت ئالماشتۇرۇپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قايتىش يولىدا ئايرۇپىلاندىن خىتايلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستان شۇنداقلا خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنى ھەرىكەتكە چاقىرىق قىلغان ۋىدىئوسى كەڭ تارقالدى ۋە غۇلغۇلا قوزغىدى.

بىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشتۇق.

بۇ كىشى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق تىجارەتچى بولۇپ، خىتاي تۇتقۇن قىلغان ئۇيغۇر ئايالى بىلەن 2010 – يىل 6- ئاينىڭ 18 – كۈنى خىتاي قانۇنلىرىغا كۆرە رەسمىي توي خېتى ئېلىپ توي قىلغان ۋە ئىككى پەرزەنتلىك بولۇپ ھازىرغىچە ياشاپ كەلمەكتە.

ئايالى ئامىنە ئاللاھ بەردى بولسا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ شەھىرىدىن بولۇپ تاكى تۇتۇپ كېتىلگەنگە قەدەر ھېچقانداق خىتايغا قارشى پائالىيەت ياكى ھەرىكەتلەردە بولمىغان.

يولدىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۆتكەن يىلى خىتاي پاسپورتىنىڭ توشۇپ قېلىشى سەۋەبلىك، پاسپورتىنى ئالماشتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ۋەتەنگە قايتقان، ئەمما خىتاي يەرلىك دائىرىلەر ئۇنىڭغا ھەرخىل قىيىنچىلىقلارنى چىقارغان بولسىمۇ لېكىن پاسپورتىنى ئالماشتۇرۇپ بەرگەن ۋە 2017 – يىل 7 – ئاينىڭ 30 – كۈنى گۇاڭجۇ ئايرۇدرومىدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا قايتىش ئۈچۈن بىلەت ئېلىپ ئايرۇپىلانغا چىقىپ بولغاندا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇچۇرى بولمىغان.

سەئىد سەئد ئەببۇد شەھرانى ئەپەندى ئېلان قىلغان سىنلىق ۋىدىئودا ئۆزىنىڭ ئىككى پەرزەتنى ئابدۇلئەزىز بىلەن ئائىشەنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئايالىنىڭ ھېچقانداق گۇناھىنىڭ يوقلىقىنى، ئەگەر ئۇنىڭدا بىرەر مەسىلە بولغان بولسا شۇنچە قاتتىق تەكشۈرۈشلەر جەريانىدا ئۇنىڭ پاسپورتى يېڭىلاپ بېرىلمىگەن ۋە تاكى ئايرۇپىلانغا چىقىپ بولغۇچە پۇرسەت بېرىلمىگەن بولاتتى. شۇڭلاشقا خىتايدىن ئايالىمنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن شۇنداقلا ئايالىمنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن ئۇچرىشىشى ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ماڭا ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ئىگەللىنىشىچە، بۇ كىشى ئۆتكەن يىلى ئايالى تۇتۇلۇپ كەتكەندىن بۇيان ھازىرغىچە بىر مىنۇتمۇ توختىماي ئايالىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلماقتا ئىكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ