<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تارىخىمىزدىكى مەشھۇر شەخىسلەر

سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار خانلىقىغا ئاساس سالغۇچى بىلگە كۆل قادىرخاننىڭ نەۋرىسى، قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ 3 - ئەۋلاد خاقانى ھەمدە خانلىقتا تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ئۇيغۇر قاغانى. ئۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە  ئىسلام دىنىنى ئالدى بىلەن قەشقەر رايونىدا ئومۇملاشتۇرۇش، ئۇنىڭدىن كېيىن باشقا جايدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە تارقىتىش، كېڭەيتىش جەھەتتە زور كۈچ چىقارغان ۋە شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن ئاساس سالغان ئۇلۇغ ئۆلىما ھەم ھەربىي ئالىم.

مۇسۇلمان بولۇشى

ئۇنىڭ ئاتىسى بارىز ئارسلانخان بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن، تەختكە سۇتۇق بۇغراخاننىڭ تاغىسى ئۇغۇلچاق ۋارىسلىق قىلىدۇ. ئۇ تاغىسىنىڭ ھىمايىسىدە چوڭ بولىدۇ. سۇتۇق بۇغراخان 12 ياشقا كىرگەندە ماۋارەئۇننەھىر ۋە خۇراسان رايونلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان سامانىيلار سۇلالىسىنىڭ شاھزادىلىرى ئارىسىدا ئىچكى نىزا يۈز بېرىپ، شاھزادە ئەبۇ نەسىر بىننى سۇلايمان سامانىيلار دۆلىتىدىن قېچىپ چىقىدۇ. ئوغۇلچاق ئۇنى قىزغىن كۈتىۋالىدۇ ۋە ئۇنىڭ قەشقەرگە يېقىن ئاتۇشتا بىر مەسچىت سېلىشىغا يول قويىدۇ. بۇ مەسچىت ئۇيغۇر دىيارىدا سېلىنغان تۇنجى مەسچىت ئىدى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە كېلىپ – كەتكەن مۇسۇلمان سودىگەرلەرنىڭ تەسىرىدە ئاتۇش بىر سودا مەركىزىگە ئايلىنىدۇ.

 ئۇيغۇر تىلىنى ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى مۇكەممەل بىلىدىغان ئەبۇ نەسىر سامانى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاتۇشنىڭ ئارغۇ دىگەن يۇرىتنىڭ شىمالىدىكى تاغلارغا ئوۋغا چىققان ياش شاھزادە سۇتۇق بۇغراخانغا يۇلىقىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن تۇنىشىدۇ. بۇ ئىككى شەخىس ئارسىدىكى ئارلىق بارغانسىرى قۇيۇقلىشىدۇ. ئاخىرى سۇتۇق بۇغراخان ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ تەسىرىدە مۇسۇلمان بۇلىدۇ.

ئەبۇ نەسىر سامانى ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ 99 ئىسىم – سۈپىتىنىڭ پەزىلەتلىرىنى بايان قىلىپ بەرگەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل ئېلىپ ئىسلام قانۇنلىرىنى بايان قىلغان ھەمدە ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. سۇتۇق بۇغراخان، ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ سۆزلىرىدىن چۇڭقۇر تەسىرلىنىپ ، ئاتۇشنىڭ ئاغۇ كەنتىدە ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغان ھەم ئۆزىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى، تۇغقانلىرىنى مەخپىي ھالدا ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلدۇرغان.

شۇنداق قىلىپ پەيغەمبىرىمىز مۇھەمەممەد(سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)نىڭ ۋاپاتىدىن 333 يىل كېيىن سۇتۇق تۈركىستان زېمىنىدا تۇنجى مۇسۇلمان بولدى.

25 يېشىدا

ئۇ 25 ياشقا كىرگەندە مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئاشكارىلايدۇ. تاغىسى ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ئۇ مەخپىي تەشكىلات قۇرۇپ ئۆزى بىلەن مۇسۇلمان بولغان 50 نۆكەرنى باشلاپ چىقىپ  ئۇردا – قەلئەنى ئىگەللەش ۋە ئۇغۇلچاقتىن ھاكىميەتنى تارتىۋىلىش پىلانى تۈزىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قەشقەردىن بىر قىسىم مۇسۇلمان پىدائىلاردىن 300 دەك ئەسكەرنى ئۇز يىنىغا تۇپلايدۇ ۋە پەرغانەلەردىكى مۇسۇلمان پىدائىيلارنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇمۇمىي ئەسكەر سانىنى مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە كۆپەيتىدۇ. پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن ماسلىشىپ ئوغۇلچاقنىڭ ئوردىسىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ تەختنى قولىغا ئالىدۇ. ئۇغۇلچاقنىڭ شاھزادە تىكىنلىرى ۋە ئۇردا مەنسەپدارلىرىنى قۇلغا ئىلىپ بەزىلىرىنى ئۇلتۈرىدۇ، بەزىلىرىنى ئىمان ئېيتقۇزۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگۈزىدۇ، مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن قەشقەر ھاكىميىتى پۈتۈنلەي سۇتۇقنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ.

سۇتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ ئېلان قىلدى. سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار خاندانلىقى ئىچىدە بىرىنجى بۇلۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن . ئىسلام دىنىنى تاراتقۇچى نامى بىلەن تارىختا مەشھۇردۇر ۋە قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئاساسىنى سالغان ئادەم ھىساپلىنىدۇ .

سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خاقانى بولغاندىن باشلاپ، قاراخانىيلار خاندانلىقىدا مەدەنىيەت گۈللەندى ۋە ئىسلاملىشىش دەۋرى باشلاندى. بۇ دەۋردە قاراخانىيلار قۇدرەتلىك، مەدەنىيەتلىك باي بىر دۆلەت سۈپىتىدە جاھانغا تونۇلدى. سۇتۇق بۇغرا قاراخان ئىسلاملاشتۇرۇش ئىشىدا، خەلىقلەرنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىشتا ئالدى بىلەن قەشقەر، يەكەن، ئاقسۇ، ئىلى، بالاساغۇن، بارسغان (ئىسسىقكۇل ئەتراپى) قاتارلىق جايلاردا، ئىسلام دىنىنى ناھايىتى تىز ۋاقىتنىڭ ئىچىدە تارقىتىپ، بۇ رايونلاردا يىلتىز تارتتى ۋە ئىسلام دىنى ئۇمۇملاشتى . 10 – ئەسىرنىڭ 40 – يىللىرى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئارقىلىق، ئىككى يۈزمىڭغا يىقىن تۇركلەر ئىسلام دىنىغا كىردى ۋە جۇڭغارىيە ئويمانلىقىدا ئىسلام دىنى ئۇمۇملاشتى. بۇ ۋاقىتتا سۇتۇق بۇغراخان ئۇزىنىڭ پايتەختىنى قەشقەر قىلىپ بەلگىلىدى . قاراخانيلارنىڭ پايتەختى قەشقەرگە ماۋەرەئۇننەھر، خۇراسان، ئافغانىستان قاتارلىق ئىسلام ئەللىرىدىن نۇرغۇن دىن پىشىۋالىرى، دىن ئالىملىرى كەلدى. مانا بۇ ئىسلام پىشىۋا ئالىملىرى سۇتۇق بۇغراخانغا ئابدۇكېرىم دەپ مۇسۇلمانچە ئىسىم قويدى.

10- ئەسىردە ياشىغان ئەرەپ ئالىمى ئىبىن فەزلان مىلادى 960- يىلى تەخمىنەن 200،000 چېدىرلىق تۈركلەر(قاراخانىيلار) ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان دەپ يازغان.

ھاياتىنىڭ ئاخىرى

سۇتۇق بۇغراخان دەۋردە ئۇنىڭ نامىغا قۇيدۇرۇلغان تىللا پۇل سۇتۇق بۇغراخان نامى بىلەن مۇسۇلمانچە ئابدۇكېرىم دىگەن خەت قۇيۇلغان تىللا پۇللار ھازىر لېنىنىگىراتتىكى مۇزېيدا ساقلانماقتا.

 سۇتۇق بۇغراخان بالاساغۇننى بوي سۇندۇرۇپ بۇلغاندىن كىيىن قەشقەرگە قايتىپ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا قارشى زىر غازاتقا تەييەرلاندى . سۇتۇق بۇغراخان ئۆزى ئىسلام قۇشۇنىغا رەھبەرلىك قىلىپ، خۇتەنگە يۇرۇش قىلدى. سۇتۇق بۇغراخان بۇ قېتىمقى يۈرۈشتە خوتەن بۇددىست ئۇيغۇرلىرىنى بۇسۇندۇرۇپ بولغاندىن كىيىن كۇچالارغا يۇرۇش قىلدى. قەدىمدىن بىرى بۇددا دىنىنىڭ مەركىزىدىن بىرى بولغان كۇچار قاتتىق قارشىلىق قىلىپ  ئىسلام دىنىغا كىرىشكە تەرسالىق قىلدى، ئاھالىنىڭ زور كۆپچىلىكى يەنىلا مۇسۇلمان بۇلماي بۇرۇنقى بۇددا دىنى ئېتىقادىدا بولدى . سۇتۇق بۇغراخان خوتەن، كۇچالارنى بۇيسۇندۇرۇپ بۇلغاندىن كىيىن ئىدىقۇت ئۇيغۇرخانلىقىنى بۇيسۇندۇرۇشتا، ئاۋۋال مىلادىنىڭ 950 – يىللىرى شىمالى تەرەپتىن ئىلىغا، جەبۇبىي تەرەپتىن قارا شەھەر تەرەپتىكى ئۇرۇش يۆنىلىشى بۇيچە قوشۇن تەشكىللەپ ماڭدى. بۇ غازاتقا ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ ئۇغىلى ئەبۇ فەتتاھنى قۇماندان قىلدى. مىلادىيە 950 – يىللىرى ئەتراپىدا ئەبۇ فەتتاھ قۇماندانلىقىدىكى قاراخانىيلار قۇشۇنى ھەشەمەتلىك بايراق، داقا دۇمباق ئەلەملىرىنى كۆتۇرۇپ، ھەيۋەتلىك قۇشۇن بىلەن شەرققە يۇرۇش قىلدى. قاراخانىيلارنىڭ ئەبۇ فەتتاھ قۇماندانلىقىدىكى قۇشۇنى كۇچار، كۇرلا، قاراشەھەر قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىپ، تۇقسۇن بىلەن تەڭرى تىغىنىڭ شىمالىدىكى بەشبالىق شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن تەڭ ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى بەشبالىق ۋە قارا خۇجا شەھىرىدىن نۇرغۇن قۇشۇن يۇتكەپ تەڭرىتاغ ئىغىزىدا ئەبۇ فەتتاھ قۇشۇنلىرىغا قاتتىق قارشىلىق قىلدى، بۇ ۋاقىتتا سۇتۇق بۇغرا قاراخاننىڭ چۇڭ ئۇغلى مۇسا تىكىن (بايتاش) نىڭ قۇماندانلىقىدا قارا شەھەرگە ۋاقتىنچە چىكىنىپ بۇ جايدا قۇشۇنلىرىنى تەرتىپكە سالدى. بۇ قىتىمقى ئۇرۇشتا ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىمۇ ناھايىتى زۇر چىقىمغا ئۇچرىد. سۇتۇق بۇغراخان بۇددىست ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان جەڭدە ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ ئۇغلى ئەبۇل فەتتاھ زۇر قۇماندانلىق بىلەن خىزمەت كۇرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، سۇتۇق بۇغراخان ئۇنىڭغا ئالىپ تىكىن(قەھرىمان شاھزادە) دېگەن ئۇنۋاننى بەردى. ئىدىقۇت ئۇيغۇرخانلىقى بۇددا دىنىدا قىلىش شەرتى بىلەن قاراخانىيلار خاندانلىقىغا بيي سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سۇتۇق بۇغراخان ئۆز دۇلىتىنىڭ شەرقى چىگراسى قىلىپ كۇچانى بىكىتتى. مىلادىيە 954 – يىلى سۇتۇق بۇغراخان ئىغىر كىسەلگە دۇچار بۇلغانلىقىدىكى خەۋەر مۇسا تىكىنگە يەتكۇزۇلدى مۇسا تىكىن دەرھال قەشقەرگە قايىتتى. ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر ، دىننىي ئالىم، سىياسىئون، تالانتلىق ھەربىي ئالىم ۋە ھەربىي سەركەردە سۇتۇق بۇغراخان 22 يىل قاراخانىيلار خاقانى بۇلۇپ، مىلادىيە 955 – يىلى ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ جەستى ئاتۇش مەشھەتتىكى ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ قەبرىگاھىنىڭ يىنىغا قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئائىلە مازارى بولغان  گۇمبەز تۇل خاقانىيە  ناملىق ھۆكۈمدارلار گۈمبىزىگە دەپنە قىلىنغان .

مازىرى

سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى (يەرلىكلەر ھەزسۇلتان مازىرى دەپ ئاتىشىدۇ) ئاتۇش شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن ئۈچ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى سۇنتاغ يېزىسى مەشھەت كەنتىگە جايلاشقان، خەرىتىدىكى ئورنى شەرقىي ئۇزۇنلۇق 76.10 گرادۇس، شىمالىي كەڭلىك 39.41 گرادۇس، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1298 مېتىر، مازار ھەيۋەتلىك مۇنارلىق دەرۋازا، قورشاۋ تام، مەسچىت، سەرراپ، ياتاق (مۇساپىرخانا)، ئىش بېجىرىش ئۆيلىرى، ھويلا، كۆل، قەبرىستانلىق ۋە مېۋىلىك باغلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كۆلىمى 10 مىڭ كۋادرات مېتىردىن كۆپرەك كېلىدۇ. قەبرىستانلىقتا سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مەقبەرىسى (گۈمبەز) دىن باشقا يەنە سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ مەقبەرىسى ۋە باشقا ئۇلۇغلارنىڭ قەبرىلىرىمۇ بار. گۈمبەز كۆك، يېشىل، سېرىق كاھىش چاقچۇقلار ۋە نەقىشلەر بىلەن چىرايلىق قىلىپ بېزەلگەن.

سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى 10- ئەسىردە بىنا قىلىنغاندىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كېلىدىغان كىشىلەرنىڭ تاۋاپ قىلىدىغان جايى بولۇپ كەلمەكتە. ئۇ ۋەتەن ئىچى - سىرتىغا داڭلىق سەيلىگاھ ۋە زىيارەتگاھ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ