ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

سۇدان ئارمىيەسى دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى قورشىۋالدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-11 14:39:36 جەمئى 814 قېتىم ئوقۇلغان.

سۇدان ئارمىيەسى دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى قورشىۋالدى

سۇدان ئارمىيەسى دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى قورشىۋالدى

11- ئاپرېل خەۋەر يەتتە تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، سۇدا ئارمىيەسى دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانزىسى بىناسىنى قورشاۋغا ئالغان.

خەۋەردە، ئارمىيەنىڭ پىرېزىدېنت ئۆمەر ئەلبەشىر ۋە ھۆكۈمەتنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاشنى قارار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقى، سۇدان تېلېۋېزىيە قانىلىنىڭ

بىلدۈرۈشىچە، سۇدان ئارمىيە تەرەپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇھىم بىر بايانات ئېلان قىلىدىكەن.

خەۋەردە يەنە، ھاكىمىيەت بېشىدىكى مىللىي قۇرۇلتاي پارتىيەسىنىڭ بىر قىسىم  لىدېرلىرىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئۆتكەن يىلى 19 – دېكابىردا نان باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىدىن كېيىن نىل قىرغىقى بويىغا جايلاشقان ئاتبېرا قاتارلىق بىر قانچە شەھەردە باشلانغان نامايىشلارنىڭ پىلتىسىغا ئىقتىسادىي سەۋەبلەر ئوت تۇتاشتۇرغان بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پايتەخت خارتۇمدىن باشلاپ پۈتكۈل سۇدان مىقياسىدا دۆلەتنىڭ تۈزۈمىگە قارشى نارازىلىققا ئايلىنىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئاخىرقى نەتىجىدە ئارمىيە مۇداخىلە  قىلىشقا باشلىغان.  


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ