<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

سىچۈەندە دەم ئېلىشقا چىققان ئەسكەرلەر بىلەن ساقچىلار توقۇنۇشتى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-11 15:29:42 جەمئى 1374 قېتىم ئوقۇلغان.

سىچۈەندە دەم ئېلىشقا چىققان ئەسكەرلەر بىلەن ساقچىلار توقۇنۇشتى


سىچۈەندە دەم ئېلىشقا چىققان ئەسكەرلەر بىلەن ساقچىلار توقۇنۇشتى
11- سىنتەبېر داجىيۈەن تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، 10- سىنتەبېر سىچۈەننىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە دەم ئېلىشقا چىققان يۈزلەرچە ئەسكەر بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.
خەۋەردە، سىچۈەندىكى يۈزلەرچە دەم ئېلىشقا چىققان ئەسكەرلەر خەلق ھۆكۈمىتى ئالدىغا يىغىلىپ، خىتاي كوممونسىتىك پارتىيىسى بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئەمەلى ئىجرا قىلمىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلگەنلىكى، يېرىم كۈن ساقلىغان بولسىمۇ بىرەر ئەمەلدار چىقىپ ئەھۋال سورىمىغان سەۋەبىدىن غەزەبلەنگەن ئەسكەرلەر ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا بۆسۈپ كىرىشكە ئۇرۇنغانلىقى، نەتىجىدە بىخەتەرلىكنى ساقلاش ساقچىلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغانلىقى، ئىككى تەرەپنىڭ توقۇنۇشى ئەۋجىگە چىقىپ ۋەزىيەت كونتورول قىلالمىغۇدەك دەرىجىگە يەتكەنلىكى، ساقچىلار دەم ئېلىشقا چىققان ئەسكەرلەرگە قىزل مۇچ سۇيى چېچىش ئارقىلىق ۋەزىيەت تىزگىنلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە، زور كۆلەمدىكى دەم ئېلىشقا چىققان ئەسكەرلەر بېيجىڭدىكى دەم ئېلىشقا چىققان ئەسكەرلەرنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش بۆلۈمى ئالدىغا يىغىلغانلىقىنى، ئۇندىن باشقا يەنە، خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومتېتىغا ئەرز سۇنغىلى بارغان يۈزلىگەن دەم ئېلىشقا چىققان ئەسكەر بىلەن خېبيلىك ئەسكەرلەر بىرلىكتە ئۇدۇل جۇڭنەنخەيگە بېرىپ قىزىل راۋاقنىڭ سىرتىدا يىغىلىپ نارازلىق بىلدۈرگەنلىكىنى، يېقىنقى يىللاردىن بىرى خىتايدا دەم ئېلشىقا چىققان ئەسكەرلەرنىڭ يىغىلىپ كوممونىستىك پارتىيىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەركىتى كۆپىيىپ قالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ