ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

سىچۈەندە ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ بارلىقى ئاشكارىلاندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-02-15 15:57:39 جەمئى 6681 قېتىم ئوقۇلغان.

سىچۈەندە ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ بارلىقى ئاشكارىلاندى

سىچۈەندە ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ بارلىقى ئاشكارىلاندى
زىمىستان تورىنىڭ 14-فېۋرال بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدە شەرقىي تۈركىستاندىن يۆتكەن كېلىنگەن زور تۈركۈمدىكى تۇتقۇنلارنىڭ بارلىقى ئاشكارىلانغان.
خەۋەردە ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى يۆتكەپ كېلىشتىن ئاۋۋال ئۇلارنى سولىماقچى بولغان تۈرمىلەردىكى مەھبۇسلارنىڭ باشقا ئورۇنلارغا يۆتكەلگەنلىكى، تۈرمىنىڭ دېرىزە-ئىشىكلىرىنىڭ قايتىدىن يېڭىلىنىپ، قاتمۇ-قات تۆمۈر رېشاتكىلار بىلەن قورشىلىپ، تۈرمە ئىچى مەخپىيەتلىكىنىڭ پەۋقۇلئاددە كۈچەيتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ يىبىڭ تۈرمىسىدىمۇ ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ بارلىقى، بۇ ئورۇنلارنىڭ قاتتىق مەخپىي تۇتۇلغانلىقى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بۇ تۈرمىلەرگە ئىسياندىن مۇداپىئەلىنىدىغان پولات ئەينەكلىك دېرىزە ۋە ئېلېكترونلۇق تۆمۈر ئىشىك قاتارلىق بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنى ئورناتقانلىقى، تۇتقۇنلارنىڭ كامېر ئىچىدىمۇ كېچە- كۈندۈز كويزا-كىشەنلەر بىلەن تۇرۇشقا مەجبۇرلانغانلىقى ئاشكارىلانغان.
خەۋەردە يەنە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشتىن ئىلگىرى، خىتاي تۈرمىلىرىدىكى گۇندىپايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىپ، تۇتقۇنلارنى قانداق باشقۇرۇشنى ئۆگەتكەنلىكى، ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ئانا يۇرتىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا قاتمۇ-قات چەكلىمىلەرنى قويۇش ئارقىلىق، تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرمەي، تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈۋەتكەنلىكى، شەرقىي تۈركىستاندىن ئېلىپ كېلىنگەن تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ