ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

سودا ئۇرۇشىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ خىتاي شىركەتلىرى مەبلىغىنى يۆتكەشكە باشلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-12 18:13:41 جەمئى 2395 قېتىم ئوقۇلغان.

سودا ئۇرۇشىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ خىتاي شىركەتلىرى مەبلىغىنى يۆتكەشكە باشلىدى


سودا ئۇرۇشىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ خىتاي شىركەتلىرى مەبلىغىنى يۆتكەشكە باشلىدى
11- سىنتەبېر داجىيۈەن تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ خىتايغا قاراتقان سودا ئۇرۇشىنى كۈچەيتىشكە باشلىغانلىقىدىن قورۇققان نۇرغۇن خىتاي شىركەتلىرى مەبلىغىنى چەتئەلگە يۆتكەشكە باشلىغان.
خەۋەردە، نۇرغۇن خىتاي شىركەتلىرى ئامېرىكا پرىزدىنتى ترامپنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە قويۇلىدىغان باجنى كۆپەيتىشىدىن قۇرقۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىنى ۋېتنام، سېربىيە، مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە يۆتكەپ «خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلدى » دېگەن ماركىلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا باشلىغانلىقى، مۇتەخەسىسلەرنىڭ خىتايدا ئىشسىزلىق يۇقىرى دولقۇنىنىڭ باشلىنىشىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە، ئامېرىكا پرېزدېنتى ترامپ ئالدىنقى ھەپتە ئاگاھلاندۇرۇپ، 200 مىليارد دوللارلىق خىتاي مېلىغا قويۇلدىغان باجنىڭ تىز سۈرئەتتە ئەمەلىيلىشىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، خىتاي شىركەت ئىگىلىرى تىجارەت ئىستىقبالىدىن ئەنسىرەشكە باشلاپ سودا سوممىسى چۈشۈشكە باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ