ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىر كۈن ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ساۋەن ناھىيەسى جىنگۇخې يېزا لىياۋشۇگۇ كەنتىدىكى ئۈچ مەسجىدنى چېقىۋەتكەن.

ساۋەندە بىر كۈن ئىچىدە ئۈچ مەسجىد چېقىلدى
زىمىستان تورىنىڭ 18-فېۋرال بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىر كۈن ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ساۋەن ناھىيەسى جىنگۇخې يېزا لىياۋشۇگۇ كەنتىدىكى ئۈچ مەسجىدنى چېقىۋەتكەن.
ساۋەن ناھىيەسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ غەربىي شىمال تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇيغۇر، تۇڭگان، قازاق قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەر ناھىيە نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر شاھىت مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، لىياۋشۇگۇ كەنتىنىڭ مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بىر كەنت ئىكەنلىكىنى، كەنتتە ئۈچ مەسجىد بارلىقىنى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ 2018-يىلى 2-ئايدا مەسجىدنىڭ بارلىق ئىمام، خاتىپلىرىنى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، مەلۇم ئىمامنىڭ ئوغلى «دادامنى نېمىشقا تۇتقۇن قىلدىڭلار؟» دېگەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى، 4-ئاينىڭ 7-كۈنى كېچىدە كەنتتىن يەنە 20 نەچچە مۇسۇلماننىڭ بىراقلا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سۈرۈشتە قىلىپ، 43 كىشىنى مەسجىد سېلىشقا ياردەم قىلغانلىقى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، ئەرلىرى تۇتۇلغان ئايال ۋە بالىلارنى كەنتكە يىغىپ، ھەركۈنى ئۆگىنىشكە سېلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا: «كىم ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرىنى باشقىلارغا ئاشكارىلاپ قويسا، تەربىيەلەشكە ئەۋەتىلىدۇ» دەپ تەھدىت سالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خەۋەردە يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى لىياۋگۇ كەنتىدىكى ئۈچ مەسجىدنى بىر كۈن ئىچىدە چېقىپ تۈزلەپ، بىر تال كېسەك پارچىسىنىمۇ قويمىغانلىقى، كېيىنكى ھەپتىسى جىياخېزى كەنتىدىكى كۆلىمى ئۈچ مو كېلىدىغان بىر مەسجىدنى چاققانلىقى، پەقەت ساۋەن ناھىيەسى ئەنجىخەي يېزىسىدىكى بىر مەسجىدنى مەسجىد ئىمامىنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيەگە مايىل ئىكەنلىكى سەۋەبىدىنمۇ ئەيتاۋۇر، چاقماي قويۇپ قويغانلىقى، بىراق مەزكۇر مەسجىدنىڭ ئىشىكىنى قۇلۇپلاپ، ئىشىك ئۈستىگە «كوممۇنىستىك پارتىيەنى سۆيۈش» دېگەن سۆز يېزىلغان قىزىل چىراغ ئېسىپ قويغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
بىر يەرلىك كىشى مۇخبىرغا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر مەسجىدنىڭ ئىچىگە نۆۋەتچىلىك ئۈستىلى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر كالتەكلىك خادىمنى 24 سائەت كۆزىتىشكە قويغانلىقىنى، ھەتتا مەسىچىتنىڭ قورشاۋ تېمىغا تىكەنلىك سىم ئورناتقانلىقىنى، ئەتراپتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسجىدكە كىرىشكە جۈرئەت قىلالمىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ