ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

سايراگۈلنىڭ سوتتىكى گۇۋاھلىقى خىتاينى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-07-18 21:26:15 جەمئى 6335 قېتىم ئوقۇلغان.

سايراگۈلنىڭ سوتتىكى گۇۋاھلىقى خىتاينى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى

سايراگۈلنىڭ سوتتىكى گۇۋاھلىقى خىتاينى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى

  •  

.ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، قازاقىستاننىڭ ئالما-ئاتا ئوبلاستىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ سابىق خادىمى سايراگۈل ساۋۇتباينى سوتلاپ، ئۇنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى گۇۋاھلىق سۆزلىرىنى ئاڭلىغان.

بۇ ھازىرغا قەدەر يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىشلىگەن بىر سابىق خىتاي ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ تۇنجى قېتىم بىر چەتئەل سوت مەھكىمىسىدە لاگېرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشىدۇر. سايراگۈل ساۋۇتباي ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەلۇم بىر يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىشلىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ چەتئەلگە چىقىپ، قازاقىستاندىكى ئىككى بالىسى ۋە ئېرى بىلەن جەم بولۇشىنى رەت قىلغاچقا قازاقىستانغا قېچىپ چىققان. لېكىن قازاقىستان بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ، چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 41 ياشلىق سايراگۈل ساۋۇتباي دۈشەنبە كۈنى سوتتا گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۆزىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىشلەش جەريانىدا يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئائىت نۇرغۇن مەخپىي ھۆججەتلەرنى كۆرگەنلىكى، ئۆزى ئىشلىگەن لاگېردا 2500 نەپەر قازاقنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ لاگېرنى تەسۋىرلەپ، «خىتاي بۇ ئورۇنلارنى سىياسىي لاگېر دېسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇ تاغ ئىچىدىكى بىر تۈرمە ئىدى» دېگەن.

خىتاينىڭ رەسمىي سانلىق مەلۇماتلىرىدا ھازىر شەرقىي تۈركسىتاندا بىر يېرىم مىليوندەك قازاق ياشايدۇ. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە قانچىلىك قازاق پۇقراسىنى بۇ لاگېرلارغا قامىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلاردىن ئاز دېگەندە بىر مىليون كىشىنى بۇ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرماقتا ئىكەن.

سايراگۈل ساۋۇتباي سوتتا يەنە «ئۆزىنىڭ سوتتا بۇ لاگېرلار ھەققىدە ئاشكارا توختىلىپ، خىتاينىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغانلىقى، شۇڭا قازاقىستاننىڭ ئۆزىنى خىتايغا قايتۇرماسلىقى» نى تەلەپ قىلغان.

چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى سۆزى خىتاينى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇپلا قالماي، خىتاي-قازاقىستان مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈنمۇ بىر سىناق ئىكەن. قازاقىستان ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى قازاق پۇقرالىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىش مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىپ، خىتاي بىلەن ئاشكارا قارشىلىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ سوتىغا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىككى خادىمى قاتناشقان بولسىمۇ، بىراق مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ