<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

سابىق پارلامېنت ئەزاسى جەلال ئەرباي مۇھىم تەكلىپلەرى بەردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2015-08-21 12:23:01 جەمئى 8507 قېتىم ئوقۇلغان.

سابىق پارلامېنت ئەزاسى جەلال ئەرباي 7- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىدا مۇھىم تەكلىپلەرنى بەردى

تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ 23- نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزاسى، سابىق تۈركىيە باش مىنىستىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بويىچە ياردەمچىسى، پروفېسسور، دوكتور جەلال ئەرباي ئەپەندى، 7- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە تۇنجى كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇھىم تەكلىپ – پىكىرلەرنى بەردى.

جەلال ئەرباي ئەپەندى، ئۆز ۋەتەنلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارغا بولغان سالىمىنى يەتكۈزدى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تەكلىپ بەردى:

1. دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىش ۋە ئۆزىمىز ياخشى كۆرگەننى قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ ياخشى كۆرۈش.

2. مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھەممەيلەن ئۆزى تۇرغان جايدىكى كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقە ۋە تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئاساس سېلىش.

3.ئەۋلادلىرىمىزنى كېلەچەكنى چۈشىنىدىغان ئاڭ سەۋىيەدە يېتىشتۈرۈش.

4.ئەۋلادلىرىمىزغا جىھاد روھى سىڭدۈرۈش.

ئۇ يەنە بۇ يىغىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىستىقلال خەۋەر تورى

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ