ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

سابىق پارلامېنت ئەزاسى ئىسلام دىنىغا قارشى پىكىرلەرگە قارىتا كىتاب چىقاردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-02-05 14:12:21 جەمئى 2080 قېتىم ئوقۇلغان.

گوللاندىيەدە رادىكال ئوڭچى ئەركىنلىك پارتىيەسىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ 2-دەرىجىلىك رەھبىرى ھېسابلىنىدىغان جورام ۋان كىلاۋېرېن ئىسلامغا قارشى كىتاب يېزىش جەريانىدا مۇسۇلمان بولغان.

سابىق پارلامېنت ئەزاسى ئىسلام دىنىغا قارشى پىكىرلەرگە قارىتا كىتاب چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ 5-فېۋرالدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گوللاندىيەدە رادىكال ئوڭچى ئەركىنلىك پارتىيەسىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ 2-دەرىجىلىك رەھبىرى ھېسابلىنىدىغان جورام ۋان كىلاۋېرېن ئىسلامغا قارشى كىتاب يېزىش جەريانىدا مۇسۇلمان بولغان.

خەۋەردە 39 ياشلىق جورام ۋان كىلاۋېرېننىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا شاھادەت ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغانلىقى، سابىق سىياسەت ئەربابىنىڭ ئىسلامغا قارشى كىتاب يېزىش ئۈچۈن قىلغان تەتقىقاتلىرى جەريانىدا ئىسلامغا بولغان كۆز قارىشىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى ۋە ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامغا قارشى پىكىرلىرىنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن مەخسۇس كىتاب يېزىپ، ئېلان قىلىشقا باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەدە يەنە، ۋان كىلاۋېرېننىڭ گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 2017-يىلىدىكى ئومۇمىي سايلاملاردا ئۆزى قۇرغان پارتىيەدىن پارلامېنت ئەزالىقىغا نامزات بولغان بولسىمۇ، بىراق يېتەرلىك ئاۋازغا ئېرىشەلمەي سىياسەتنى تاشلىغانلىقى، بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئارتۇد ۋان دورنمۇ بىر مەزگىل رادىكال ئوڭچى ئەركىنلىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولغان بولۇپ، تەخمىنەن ئالتە يىل ئىلگىرى پارتىيەسىدىن ئايرىلىپ، مۇسۇلمان بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ