زەيتىنبۇرنۇدا شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى
6-فېۋرال ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى.
پائالىيەتنى ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى (IHH)نىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
پائالىيەتتە دوكتور ئابدۇسالام شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن ئىنسانىي دەپسەندىچىلىكلىرى، ئۈچ مىليون ئەتراپىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ سەۋەبسىزلا لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، شۇنداقلا لاگېر ۋە تۈرمىلەردە خىتاي تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنغانلىقى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇردى.